نەنسى پېلۇسى خانىم بېيجىڭ ئولىمپىكىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش» قا چاقىرىق قىلدى

0:00 / 0:00

18-ماي كۈنى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) بىرلىكتە «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئولىمپىك» ناملىق بىرلەشمە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خەلقئارادىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۆلەت باشلىقلىرى خىتايغا بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۈز بەرمەيلى. ئەگەر دۆلەت باشلىقلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا بارسا، سىلەر مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› داۋام قىلىۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە ۋە ئۆز دۆلىتىمىزدە ھۆرمەت بىلدۈرەيلى. بۇ بىر ‹دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش›. بۇنداق جىددىي مەسىلىگە سۈكۈت قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلىكتە ئاچقان «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئولىمپىك» ناملىق ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2021-يىلى 18-ماي.

2018-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا كەم دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قامالغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك دوكلات تاپشۇرۋالغانلىقنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

نەنسى پېلۇسى خانىم يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز مانا مۇشۇنداق. بۇ پەقەتلا بىر قۇرۇق گەپ ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت. ئەگەر ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتايدا يۈر بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرمىساق، دۇنيانىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە گەپ قىلىدىغان سالاھىيىتىمىزنى ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئېتىبارىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز.»

بېيجىڭ تەرەپ ئىزچىل لاگېرلارنى «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خورلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. نەنسى پېلۇسى خانىم بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلغان: «سابىق پرېزىدېنت ترامىپنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دىكى ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپتۇ. بىراق ئۇلار ئۇ يەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ، ئۇلار ئۇ يەردە تۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلار ئۆز ئۆيىدە ئائىلىسىدىكەر بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالايدۇ.»

ئاشكارىلانغان دوكلاتلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى 1 مىليون 800 مىڭ بىلەن 3 مىليون ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولىغان. لاگېرى شاھىتلىرى لاگېرلاردا ئىغىر قىين-قىستاققا ئېلىپ خورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلەرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىدى.

يىغىندا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جىم مەكگوۋرىن سۆز قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولۇۋاتقان خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھەققىدىكى مۇشۇ مۇنازىرىنىڭ ئۆزىمۇ بەك قورقۇنچلۇق. بىز ھەممىمىز خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشتىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. بىز مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە يەنىلا سودىنى قوغلاشساق، بۇ مەسىلىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرمىغان خەلقئارالىق ئورگانلارغا نېمە دېيىش كېرەك؟ دېمەكچى بولغىنىم، ئەگەر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بىزنى بىئارام قىلمىسا، بىزنى بىر ئىش قىلىشقا مەجبۇر قىلالمىسا، بىزنىڭ دۇنيانىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان سالاھىيىتىمىز قالمايدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزگىل. مەن راستتىنلا قۇرۇق گەپ قىلىشتىن زېرىكتىم. باھانىگە ئورۇن يوق. ھەممەيلەن نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يېتەر ئەمدى، شۇنداققۇ؟ يېتەر!»

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىم تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقى كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەر ئەلۋەتتە مۇسابىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىدە تۇرۇپ تەبرىكلىسە بولىدۇ.»

سوفى رېچاردسون خانىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «توكيو كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئولىمپىكنى كېچىكتۈرەلىگەن يەردە، بېيجىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سەۋەبىدىن ئەلۋەتتە ئولىمپىك ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسەت مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىشكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنىسى ئەكبەر ئەسەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 15 يىللىق كېسىلگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلار ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ زىيانكەشلىكلىرى توختىمايدىكەن. مەن بۇنى ناھايىتى قېيىن ۋە ئازابلىق كەچمىشلىرىمدىن ئۆگەندىم.»

ئامېرىكا ئولىمپىك ۋە مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سارا خىرشلاند گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئەمما بۇ ‹ئامېرىكانىڭ ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش› مەسىلىگە بېرىلگەن جاۋاب ئەمەس. ئىلگىرىكى ئولىمپىك بايقۇتلىرى سىياسىي مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شۇڭلاشقا بىز يەنە بىر ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى ئويلاشقىنىمىزدا، ھەممىمىز ۋەزىيەتنى دەڭسەپ بېقىشىمىز كېرەك.»