تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولغان 20 سىياسىي پارتىيەگە خەت يېزىپ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانىدى. مەزكۇر 20 پارتىيەدىن 16 پارتىيە بايقۇتقا چاقىرىش خېتىگە قول قويۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سابىق پارلامېنت ئەزاسى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز كېلەچەك پارتىيەسى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش خېتى تەييارلىغانىدۇق. بۇ خەتنى تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە 20 سىياسىي پارتىيەگە ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلارنى مەزكۇر بايقۇت خېتىگە قول قويۇشقا چاقىرغان ئىدۇق. بۇ 20 پارتىيەدىن 4 پارتىيەدىن باشقا ھەممىسى ئاۋاز قوشۇپ قول قويدى. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەپسۇسكى ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، قوللىغۇچىسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەر قول قويمىدى».
سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىنىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ 132 دۆلەتنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە خەت يازغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز ئىنگلىزچە بىر پارچە بايقۇتقا چاقىرىق خېتى تەييارلاپ 132 دۆلەتنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە ئەۋەتتۇق. بىز بۇ دۆلەتلەرنى دىپلوماتىك بايقۇتقا چاقىردۇق. مەزكۇر ئەلچىلەرنىڭ كۆپى پارتىيەمىزنىڭ دىپلوماتىك بايقۇتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يازدى».
سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «1980-يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى بېسىۋالدى دەپ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانىدى. ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋستراليە قاتارلىق دۆلەتلەر كېلەر ئاي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇيغۇرلارنى قېرىندىشىم دېگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، دىنداشلىرىمىز دېگەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تېخىچە سۈكۈتتە. شۇنداق دەيمىزكى، ‹كېلىڭلار سىلەرمۇ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىڭلار. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار، خىتاي قېرىنداشلىرىمىزغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىدە بىز ئامېرىكادىنمۇ سەزگۈر، بايقۇت قىلىمىز دەڭلا›. بىز ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز».
بېيجىڭدا چاقىرىلماقچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش خېتىگە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشتا 4 سىياسىي پارتىيەنىڭ قول قويماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى.
تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولغان 20 سىياسىي پارتىيەگە خەت يېزىپ، 2-ئاينىڭ4-كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان خەتكە 15 پارتىيە قول قويغان بولسا، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى مەزكۇر بايقۇتقا چاقىرىش خېتىگە گەرچە 15 پارتىيە قول قويغان بولسىمۇ، قول قويمىغان پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينى بايقۇت قىلىدىغان قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، لېكىن ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر چاقىرىق خېتىگە تۈركىيەدە 1993-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىمۇ قول قويمىغان. بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، بۇ پارتىيەنىڭ قول قويماسلىقىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللىمايدۇ دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتىدىن تۈپەيلى قول قويمىغان بولۇشى ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىكەن: «ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولغان خىتاي ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. خىتاي بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەيدانغا كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 21-ئەسىردە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرلارغا سولاش، ئىسكەنجىگە ئېلىش، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە تۇغماس قىلىشتەك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە. شۇڭا مەزكۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خىتاينىڭ دەرھال توختىتىشى ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىنى ئالدى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».