دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت ۋە ۋاسكىتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر بىرلىكتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بويقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

خىتاي ساھىبخانلىقىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغان بىر مەزگىلدە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە.

24-يانۋار كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت، ئامېرىكالىق ۋاسكىتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر فرىدوم قاتارلىقلار بىلەن بىرگە بېيجىڭ ئولىمپىكنى بويقۇت قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىغا ئەنەس كانتەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خوڭكوڭ ئىجتىمائىي ھەرىكىتى، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كېڭىشى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بولۇپ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان.

ئاخبارات يىغىنىدا ئالدى بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېلەر ھەپتە، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. دۇنيا كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى پەردازلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ دۇنياغا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نەقەدەر رەزىللىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىشلىگىنىنى كۆرىدۇ. بۈگۈن مەن ئەتراپىمدىكى كۈچلۈك ۋە مۇھىم ئاۋازلارنى يىغىش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئېنىق سىگنال بەرمەكچىمەن: بىز كوممۇنىست خىتايدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز.»

رىك سكوت ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «ئامېرىكا كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇنداق خورلاش ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. بىز چوقۇم بۇ جىنايەتلەرنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك، بىز خىتاي، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان باتۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ يېنىدا تۇرىمىز. بىز ھەر كۈنى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇرەسسەسىز تەشەببۇسچىسى ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن، خىتاي رەئىسى شى ۋە ئۇنىڭ كومپارتىيەسىنىڭ قاراقچىلىرىنى بىئارام قىلىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ كۈرەشنى توختاتمايمىز.»

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە «بوستون كېلىتلىقلار» كۇلۇبىنىڭ ۋاسكىتبولچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەنەس كانتەر فرىدوم سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. ئۇلار تىبەتلەرنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە ھۇجۇم قىلىپ، دېموكراتىك تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئادالەتسىزلىك ئالدىدا سۈكۈت قىلالمايمىز. دۇنيا ئويغىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىزنىڭ دوستىمىز ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك».

ئارقىدىن يىغىندا ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللەرمۇ سۆز قىلىپ، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاشنىڭ چىقىش يولى قىلىۋالغانلىقىنى، شۇڭا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىلمەسلىكى لازىملىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن مۇستافا ئاقسۇ قاتارلىقلار ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا سولىنىپ، ئائىلىلەر پارچىلانغان، لاگېرلاردا ئازاب تارتىۋاتقان بىر يەردە دۇنيانىڭ تەنتەربىيە ۋە دوستلۇقنى تەبرىكلىشىنىڭ كىشىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىقىدىكى بۇ ئولىمپىكنىڭ ئولىمپىك تارىخىدىكى يەنە بىر قارا داغ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

20-يانۋار كۈنى يەنە چېخىيە پايتەختى پراگادىكى «خەلقئارالىق دېموكراتىيەنى يېڭىلاش بىرلەشمىسى» ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارغا ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان بولۇپ، مەزكۇر چاقىرىققا ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، چېخىيە، ئۇكرائىنا، گروزىيە، ئەزەربايجان، قازاقىستان، روسىيە، بېرما، مالايسىيا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ياكى شۇ دۆلەتلەردىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، تەتقىقاتچى-ئاكادېمىكلار قول قويغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ چاقىرىققا ئىمزا قويغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار باياناتىدا بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ مۇسابىقىنى دېپلوماتىك بويقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 24-يانۋار كۈنى رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، پراگادىكى «خەلقئارالىق دېموكراتىيەنى يېڭىلاش بىرلەشمىسى» خىتايغا ئوخشاش دېكتاتور ھاكىمىيەتلەر باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئەسلىتىش سەۋەبىدىن قۇرۇلغان بىر خەلقئارالىق ھەمكارلىق بولۇپ، بۇ بىرلەشمىنىڭ چاقىرىقىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن.

«خەلقئارالىق دېموكراتىيەنى يېڭىلاش بىرلەشمىسى» نىڭ چاقىرىقىغا ئىمزا قويغانلار ئىچىدە ۋاسلاۋ خاۋېل فوندىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مايكېل زانتوۋىسكى، ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ رەئىسى مايكىل ئابراۋتومىز، خەلقئارادا دېموكراتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك بجورنلۇند، گېرمانىيەدىكى چېگراسىز دېموكراتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئاندىرىياس بۇممېل، روسىيەلىك شاھمات چېمپىيونى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى گاررىي كاسپاروۋ، سۈرگۈندىكى خىتاي يازغۇچىسى لياۋ يىۋۇ، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گرىشمان قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«بىز بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش قىشلىق ئولىمپىكنى بويقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە ئەگىشىشكە چاقىرىمىز. بىز يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى (FIFA)، خەلقئارا تېننىس توپ بىرلەشمىسى (ITF)، خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى (IPC) ۋە باشقا خەلقئارالىق تەنتەربىيە ئورگانلىرىدىن ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان مۇستەبىت دۆلەتكە مۇسابىقىگە ساھىبخانلىق قىلىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ زالىم رېجىمىنى قانۇنلاشتۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك چاقىرىقىغا قارىماي، بۇ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ دەل ھۆكۈمەتلەرنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ۋە تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىدىغان ۋاقىتلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قىشلىق ئولىمپىككە ساھىبخانلىق قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. شۇلاردىن بىرى ئامېرىكادىكى «تۇتقۇندىكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسى» ناملىق تەشكىلاتىنىڭ «نۆۋەتتىكى خەتەرلەر» كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پائالىيەتچى سې خۇن كىم بولۇپ، ئۇ 24-يانۋار كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى قەدىرلىك» دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئولىمپىكنى بويقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان.

ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئولىمپىك يېقىنلىشىپ قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھەر بىر كىشى مەيلى تەشكىلات سەۋىيەسىدە بولسۇن ياكى بىر شەخس سۈپىتىدە بولسۇن، چوقۇم بىر ئىش قىلىشى كېرەك. مەن بىر كورىيەلىك ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋە ئۇيغۇر دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەكچىمەن ۋە ھەربىر كىشىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمەن،» دېدى.

ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، لىتۋا، بېلگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياپونىيە بولسا دېپلوماتىك بويقۇت سۆزىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، ئولىمپىككە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى دۆلەتلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.