ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 6-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جىن پساكى 6-دېكابىر كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى ۋە رەسمىي ۋەكىللىرىنى ئەۋەتمەيدۇ».
جىن پساكى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «بىز تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى داۋاملىق قوللايمىز، ئەمما بىز مۇسابىقىگە رەسمىي ۋەكىللىرىمىزنى ئەۋەتىپ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلىرى ئالدىدا يەنە ھېچنېمە بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلالمايمىز» دېگەن.
ئارقىدىن يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانچىسى نېد پرايسمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەزكۇر بايقۇت قارارىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قارارى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارىتا قوللانغان ئەڭ قاتتىق گېئو-سىياسىي جازالاش تەدبىرى بولدى دەپ قارالماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان قارارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ زور تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىمۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1980-يىلى موسكۋا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئامېرىكا بۇ مۇسابىقىگە دىپلوماتلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئەۋەتمىگەنىكەن. ئارىدىن ئۆتكەن 40 يىلدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم يەنە بىر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى زور ئىنكاس قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكانىڭ قارارىدىن قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 7-دېكابىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئامېرىكانى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇردى، دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى دېگەن:
«ئامېرىكانىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت دېيىشى بۇ ئەسىرنىڭ يالغانچىلىقى. بايدېن ھۆكۈمىتى سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك ئاساسىدىكى يالغان ئارقىلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. . . بۇ خۇددى ئۆز پۇتىغا ئۆزى ئوق ئاتقاندەك ئىش. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك».
جاۋ لىجىيەن يەنە ئامېرىكانى «بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.
جاۋ لىجىيەننىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن نەق مەيداندىكى مۇخبىرلاردىن بىرى «سىز يۇقىرىدا ئامېرىكانى بەدەل تۆلەيدۇ، دېدىڭىز. سىلەر نېمە قىلماقچى؟ خىتايمۇ ئامېرىكا 2028-يىلى ساھىبخانىلىق قىلىدىغان لوس-ئانژېلىس ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلامدۇ؟»، دەپ سورىغان. جاۋ لىجىيەن بولسا سوئالغا: «ئامېرىكانىڭ خاتا ھەرىكىتى خىتاي-ئامېرىكا ئارىسىدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى ۋە كەيپىياتىنى بۇزدى» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
ھالبۇكى، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكەلىق سىياسەتچىلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشماقتا.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون بۈگۈن تىۋىتتېردا قارار ھەققىدە توختىلىپ: «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە جەڭ ئېلان قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ بىر قەدەم. ئەمما بۇ بىردىنبىر ھەرىكەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى توغرا يۆنىلىش بولسىمۇ، يېتەرلىك ئەمەس»، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش توغرا يۆنىلىشتىكى بىر قەدەم، ئەمما ئۇ يېتەرلىك ئەمەس. جىن پساكى قارارنى ئېلان قىلغاندا خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق ئىكەن، بىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ 1984-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن ۋە ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەنمۇ بۇنىڭدىن كۆپ ئىشلارنى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار».
گوردون چاڭ ئەپەندى يەنە ئىزاھات بېرىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئولىمپىك كومىتېتىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى ۋە خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دېدى.
بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بولسا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىقتىسادىي قوللىغۇچى شىركەتلىرىنىمۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس پ. مىكگاۋېرن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئېلىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) نىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىشنى رەت قىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى كۆزدە تۇتقاندا، ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە شىركەت قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يول قويماسلىق ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان تەدبىرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىمىز».
يۇقىرىدىكى رەئىسلەر يەنە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى ۋە: «بىز دىپلوماتىك بايقۇتنىڭ يېتەرلىكلىكىنى داۋاملىق مۇنازىرە قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىمۇ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئوخشاش قارارلارنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.