6-دېكابىر بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 7-دېكابىر ئاۋىسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ تەسىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يېيىلىشقا باشلىدى. ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ خۇسۇستىكى بەس-مۇنازىرىلەر بىلەن تولۇپ تاشتى.
گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD 8-دېكابىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بايقۇت قىلىشى لازىممۇ؟» ناملىق پروگراممىسىدا ئامېرىكادىن چىققان «بايقۇت ساداسى» نىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە كۆرسىتىۋاتقان كۈچلۈك تەسىرى ھەققىدە توختالدى.
پروگرامما مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى چۇقانلار بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكانىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى گېرمانىيەنىڭ، ھەتتا ياۋروپانىڭمۇ شۇنداق قىلىشى توغرىسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك مۇنازىرە پەيدا قىلدى. ياۋروپا سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقىي سىياسەتچىسى يوھان ۋادېپۇل ‹دېپلوماتىك بايقۇت خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بېرىلگەن ئەڭ توغرا جاۋابتۇر. ئەركىن دۇنيا بۇلارغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. ياۋروپا ئامېرىكادىن ئۈلگە ئېلىپ، بۇ سەپكە تىزدىن قوشۇلۇشى لازىم› دېدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى فرانزىسكا براندمان ‹يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دەرھال بايقۇت قىلىشى لازىم. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جاۋابكار› دېدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: ‹بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار شارائىتى ئىنتايىن قەبىھ بولغان لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا، ھەتتا ئېغىر تەن جازاسىغا ۋە تۇغۇت چەكلەشكە دۇچ كەلمەكتە. بىز ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە قىلىنىۋاتقان بۇ ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقلارنى قاتتىق ئەيىپلەيمىز، › دېدى.»
پروگراممىدا بايان قىلىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرە ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ قانات يايغان. پروگراممىدا مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى نىكولا بېئېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلىرى قاتناشقان ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇتنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ‹ئامېرىكا بەك كەچ قالدى، شۇنداقتىمۇ ھېچبولمىسا بۇ سادا ئاخىرى چىقتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى داۋاملىق ئامېرىكانىڭ ئارقىدا سۆرۈلۈپ يۈرمەي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ياڭراق ئاۋاز بىلەن پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىشى كېرەك. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى خاتا سەھنە، خاتا ئورۇندىدۇر. ئەلۋەتتە، بىر ئۆمۈر بىر غايە ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرنى سىياسىي تۇتقۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى بولمايدۇ. بۇ تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىغا نېمە ئۈچۈن يول قويۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئەمما بىزنىڭ خىتايدا يۈرگۈزىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئېنىق سىگنال بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار› دېدى.»
د ئۇ ق نىڭ 2020-يىلىدىن باشلاپلا 180 خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتمۇ شىۋېتسىيەدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مۇنازىرىسىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«گېرمانىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بايقۇت قىلىشى لازىممۇ؟» ناملىق پروگراممىدا تىلغا ئېلىشىچە، گېرمانىيە پرىزدېنتى فرانك ۋالتەر شىتايىنمايېر 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىكەن. بايدىن ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇنداق بىر ئۇچۇر كۆزگە چېلىقىپ باقمىغان. خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، بەلكىم بۇ ئامېرىكانىڭ بايقۇت ساداسىنىڭ گېرمانىيەدىكى تۇنجى ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننېلىنا بايېربوكمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاخبارات ۋاستىلىرى، نۆۋەتتە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ چېخىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكلىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر تېما بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان لىتۋا جۇمھۇرىيىتى خېلى بۇرۇنلا بايقۇت قىلغان ئىدى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا ئەللىرىدە بايقۇت مەسىلىسى ئەڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە تۈرلىك بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولىدىكەن.
بۈگۈن 8-دېكابىر ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. د ئۇ ق ئەنگىلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولغىنىدەك، غەرب ئەللىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئورۇن ئىگىلىمەكتە. 6-دېكابىر بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا باغلىغاندىن كېيىن، لاگېر سىياسىتىنى ھازىرغا قەدەر پەردازلاپ كۆرسىتىپ كەلگەن، لاگېرلاردىكى زۇلۇملارنى يوشۇرۇپ، ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى «تەنھەرىكەتنى سىياسىيلاشتۇردى» دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكاغا «ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. ھالبۇكى، خەلقئارادا جىددىي تېما بولىۋاتقان دېپلوماتىك بايقۇتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن زىچ ئالاقىدار ئىكەنلىكى بارغانسېرى روشەن يورۇتۇلماقتا. نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ «بايقۇت ساداسى» غا ئاۋاز قوشسىمۇ، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان بەزى دۆلەتلەر كورۇنا ۋاباسىنى باھانە قىلىپ، دېپلوماتىك بايقۇتنى يولغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىندىن باشقا بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەسكەن.