ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ، 20-دېكابىر كۈنى سىنئالغۇ كۆرۈنۈش ئارقىلىق تارقاتقان چاقىرىقىدا مۇنداق دەيدۇ: «كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بېسىم، زۇلۇملار يۈرىكىمىزنى داغلىماقتا. خىتاي ھازىر دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى قۇرۇپ، دىنىي ئىبادەتنى چەكلەپ، قېرىنداش ئائىلە نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە خىتايلارنى جايلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەدەنىي، دىنىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىغا ھۇجۇم قىلماقتا. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. بۇنداق بىر پەيتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختى ھېسابلىنىدىغان ئەنقەرە تېخىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا. ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى. ھەر دائىم قەيەردە بىر ئېزىلگەن مىللەت بولسا ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز».

تۈركىيەدىكى «كېلەچەك» پارتىيەسى ئۆتكەن ئاي تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە 20 پارتىيەگە ئوچۇق خەت ئەۋەتكەنىدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەت ئەۋەتىلگەن 20 پارتىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تەكلىپ خېتىگە قول قويسا، بۇ خەتنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنىڭ ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا بىنائەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغان بىر قارار ماقۇللىنارمۇ؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيەلىك بايقۇت قىلارمۇ؟ دېگەن سوئاللىرىمىزغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى بايقۇت قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى بار، ئەپسۇسكى بۇ مۇناسىۋەت بۇزۇلمىسۇن دەپ بايقۇت قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن».

«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ۋە «ئىيى»» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىنى قوللايمىز. تۈركىيە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقى كېرەك. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى بايقۇت قىلماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى ھۆكۈمەت ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا».

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدەك دىپلوماتىيەلىك بايقۇت ئېلان قىلمىسىمۇ، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشماي، تۆۋەن دەرىجىلىك ھەيئەت ئەۋەتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە پۈتۈنلەي بايقۇت قىلمىسىمۇ خىتايغا نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر يولنى تېپىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق 180 دەك ئاممىۋى تەشكىلات بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ قېتىم ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يازدى. بۇلاردىن سىرت كانادا پارلامېنتىدىكى 5 سىياسىي پارتىيەگە مەنسۇپ 13 پارلامېنت ئەزاسى ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغانىدى. ئەمما ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ6-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغانىدى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەۋەتمەيدىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتقان.

دېمەك ھازىرغىچە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئۆزىنى ئوخشاشلا دېموكراتىك دۆلەت ھېسابلايدىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلىشىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئىنكاس چىقماي كەلمەكتە ئىدى.