«ئۇچقان تۈرك» نامىنى ئالغان تۈرك تەنھەرىكەتچى فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىگە بېشىغا كىيگەن قالپىقى بىلەن چاڭغىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق بۇرچىنى نامايەندە قىلىشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈردى. ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى بۇلەنت ئاقسوي ئەپەندى تۇنجى بولۇپ تۋىتتېر ئارقىلىق، «چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ بېشىغا كىيگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قالپىقى ۋە چاڭغىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى، سېنى تەبرىكلەيمەن فاتىھ ئاردا» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى.

مۇساتافا قارادېڭىز ئىسىملىك بىر ئەرباب بولسا تۋىتتېردا «فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ خىتاينىڭ مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، رەھمەت ساڭا يىگىت قېرىندىشىم» دېگەن تەبرىك سۆزىنى تارقاتتى. ئۇيغۇرلارمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، «ياشاپ كەت فاتىھ ئاردا، قېرىنداشلىق دېگەن مانا بۇ، زالىم خىتاينىڭ كۆزىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تىققانلىقىڭغا رەھمەت» دېگەندەك يازمىلارنى تارقاتتى.
رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بايراقنىڭ سۈرىتى يوق كۆك رەڭلىك چاڭغا ئىشلەتكەنلىكى، مەزكۇر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا «بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى خالىمايمەن» دېگەنلىكى يېزىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە سىياسىي سىمۋوللار بىلەن رەسمىي بولمىغان بايراقلارنى كۆرسىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، تۈرك تەنھەرىكەتچىلەردىن بۇ ھەقتە سوئال سورىغاندا بۇ قائىدىگە خىلاپ ئىش قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇپ، 1950-يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە ئاڭلىتىلىپ كەلمەكتە. تۈركلەر ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنى «ئاتا يۇرتىمىز» دەيدۇ. دەرس كىتابلىرىدا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مىللەت ئىكەنلىكى يېزىلغان. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ، تۈركىيەدىكى بەزى داڭلىق سەنئەتچى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.
بىز بۇ ھەقتە بىر يىلدىن بۇيان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ ئەپەندىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۆرسەتكەن جاسارىتىنىڭ مىليونلىغان تۈرك خەلقىنىڭ ئاۋازسىز ھالدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈرك تەنھەرىكەتچى فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ ئەپەندى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەسلىدە ئولىمپىكنىڭ روھىغا ماس كېلىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت قارىشىنى نامايەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى» رەئىسى تايىر كۆكبايراق ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ شەكىلدە قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان باشقا مۇسۇلمان ۋە تۈركىي مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىمۇ ئۇنى ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىگە، بېشىغا كىيگەن قالپىقى بىلەن چاڭغىسىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەسىمى خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدىمۇ نەق مەيداندىن كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان بولسىمۇ، تۈركىيە بۇ سەپكە قوشۇلمىدى. تۈركىيە خىتاينىڭ ئولىمپىكىنى قوللىغان مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
