2-ئاينىڭ 4-كۈنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيەدىكى نامايىشتا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رەكىس پاترىك ئەپەندى بىلەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تاممېي فرانكىس خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلار ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 4-فېۋرال خىتايدا باشلانغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نامايىش چۈشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا، چۈشتىن كېيىن توكيونىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلاردىن سىرت كۆپ ساندا ياپون ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

نامايىشتا قوللىرىدا بايراقلىرىنى ۋە خىتايغا قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە ياپونىيە خەلقىنى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتايدا باشلانغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرمەسلىككە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىقىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر بىرلەشمە نامايىش توغرىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈنكى نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى لاگېرغا سولاپ، ئۇلارنى قىيناش، ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش، يەنى ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، بۇ جىنايەتنى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بۈگۈنكى كۈندە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى، بىز بىر يىلدىن بۇيان قىشلىق ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈشىنى بايقۇت قىلىپ كەلگەن بولساقمۇ ئەپسۇسكى بۇنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقىنى، شۇڭا بارلىق ياپونىيەلىكلەرنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرمەسلىككە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردۇق».
ساۋۇت مەمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن، يەنى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىشتىن بۇرۇنمۇ ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەنىكەن. 13 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ۋاقىتتا توكيودا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ياپونىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دىققەت بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرىز قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىنغانىدى. مەزكۇر قارار ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى. بلۇمبېرگ خەۋەر تورىنىڭ يېزىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە مەسلىھەتچىسى ناكاتانى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق بېسىم كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغانىدى.
ياپونىيەدىكى نامايىش بىلەن ئوخشاش كۈندە، يەنى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى بىلەن «خىتاي ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختات، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىمىز»، دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار يەنە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان. ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى رامىلە چانېشېف خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.
ئۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رەكىس پاترىك ئەپەندى بىلەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تاممېي فرانكىس خانىمنىڭمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن
رامىلە چانېشېف خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە 4-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ يەنە بىرقسىم شەھەرلىرىدىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.