سابىق مەشئەل يەتكۈزگۈچى، ئاكتىپ ئەمەلدار ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا ئۇيغۇر تەنھەركەتچى دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ مەشئەل كۆتۈرگەنلىكى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەنلەردىن بىرى بولغان ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئىككى جيەنىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

بىر ھەپتىدىن بۇيان تاراتقۇلاردا داۋام قىلىۋاتقان تەنھەركەتچى دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ بۇ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا مەشئەل كۈتۈرگەنلىكى توغرىلىق تالاش-تارتىشلاردا، 2008‏-يىلدىكى ئۇيغۇر مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە بۈگۈنكى پوزىتسىيەسمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تىۋىتتېردا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئابدۇرېھىم، 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەن ئىكەن. ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خۇددى بۈگۈنكى دىلنىگارغا ئوخشاشلا شۇ چاغدىمۇ ئادىل ئابدۇرېھىمغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى پەردازلاش ئۈچۈن مەشئەل تۇتقۇزغان. بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى 2017‏-يىلى رايوندا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ئۇچۇردىن 2019‏-يىلى خەۋەر تاپقان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنيەت-تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ئادىل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادىل ئابدۇرېھىم سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇزۇن مەزگىل ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئەتىۋارلىنىپ ھەم ئۆستۈرۈلۈپ ئىشقا سېلىنغان ئىكەن. 2020‏-يىلى ئاشكارىلانغان «شاڭخەي تىزىملىكى» نامىدىكى تۇتقۇنلار ۋە گۇماندارلار تىزىملىكىدىمۇ ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر تىزىملىكتە ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ «تېرورلۇققا چېتىشلىق» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمىدىن «بۇ ئىدارىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ بار-يوقلۇقى» نى سورىغنىمىزدا، ئۇ «بار» دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ يەنە بۇ كىشىنىڭ ئادىل ئىسىملىك بىرسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشىمىز ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ جىيەن تۇغقۇىنى بولۇپ، ئۇ تۇتقۇندىكى ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ ۋە جىيەن سىڭلىسى مىھرىئاي ئەركىننىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش جەريانىدا، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ ياردەم قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ باققان. نەتىجىدە ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بىر قىسىم شاھىتلار ئارقىلىق خەۋەر تاپقان.

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەر تەڭرىتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىدىن «بۇ ئىدارىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئەمەلدارنىڭ بار-يوقلۇقى» نى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئادىل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما بىز ئۇنىڭدىن ئادىلنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكىنى سورىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇندىكى مەشھۇر ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئوغلى كامالتۈرك يالقۇنمۇ 2008‏-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەنلەردىن بىرى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مەشئەل كۆتۈرگۈزۈشىنىڭ، نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ قاراشلىرىنى ئۆز كەچمىشى ۋە دادىسىنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق شەرھىلەپ ئۆتكەن. ئۇ بايانلىرىدا ئۆزىنىڭ سابىق بىر مەشئەل كۆتۈرگۈچىدىن خىتايغا قارشى ئاكتىپ بىر پائالىيەتچىگە ئۆزگەرلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدىمۇ، تۇتقۇندىكى دادىسى ۋە مىللىتى ئازادلىققا چىقمىغۇچە، خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.