ئۆمەر بېكئالى بېرلىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەردى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆمەر بېكئالى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا 7 ئاي يېتىپ چىققان، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا 10-مارت كەچتە بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن.

ئۆمەر بېكئالى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 11-مارت كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا مۇخبىرلار ۋە يىغىن ئەھلىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ يىغىنغا مۇخبىرلاردىن سىرت مارگارېتا باۋزې قاتارلىق گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتنىشىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئەيىبلەپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ مۇخبىرلارغا ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىلىق بىر نەرسە بىلىشنى خالىسا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان ھايات شاھىت ئۆمەر بېكئالىدىن سورىسا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

مۇخبىرلار جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆمەر بېكئالىدىن ھەر تۈرلۈك سوئاللارنى سورىغان. ئۆمەر بېكئالى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە جازا لاگېرلىرىدىكى ئۆز كەچمىشلىرى ھەمدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى توغرىلىق ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن.

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۆمەر بېكئالى بولسا گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەرنى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە بىزنى ياۋروپادىكى ئۆز پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆمەر بېكئالى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ب د ت دا ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك يىغىنلاردا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.