ئۆمەر يۈسۈپ: «دادام ئىز-دېرەكسىز غايىب، قېرىنداشلىرىمنى مىسىر بىلەن تۈركىيە باردىڭ دەپ كېسىۋېتىپتۇ»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار 1984-يىلىدىن تارتىپ مىسىرغا بېرىپ تىجارەت قىلىشقا ۋە مىسىر قاھىرەدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا باشلىغان. 2000-يىللاردىن كېيىن مىسىرغا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ 2014-2015-يىللاردا ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياش ئوقۇش ئۈچۈن مىسىرغا بارغان. بۇلاردىن بىرى 2015-يىلى قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىن مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندىدۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەتلا تۈركىيە ۋە مىسىرغا زىيارەتكە بارغاچقا ئاكىسىغا 11 يىل، ۋە سىڭلىسىگە 14 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇ، ھازىر تۈركىيەدە ھەر خىل يوللار بىلەن دەردىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.

ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى، 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە كۆپ ساندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قامالغانلىقىنى، بەزىلىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ دادىسى يۈسۈپ ھوشۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئاكىسى مەمەتىمىن يۈسۈپكە 11 يىل، ۋە سىڭلىسى رەيھانگۈل يۈسۈپكە 14 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىر تۈركىيەنىڭ بولۇ شەھىرىدىكى شەخسىي شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم ئۆمەر يۈسۈپ، مەن قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىدىن. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مىسىرغا ئوقۇشقا چىققانىدىم. مەن 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مىسىر ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان كۈنى تۈركىيەگە قېچىپ كەلدىم، ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتىمەن».

ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى 2017-يىلى 4-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇ ۋاقىتتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئالاقە قۇرغان ۋاقتىم 2017-يىلى 4-ئاي. ئۇ ۋاقىتتا سۆزلەشكەندە دادام، ئاكام، ئاچام ۋە سىڭلىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغانىدىم. نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى سورىيالمىغان ئىدىم، لېكىن ئاكام بىلەن سىڭلىم تۈركىيە بىلەن مىسىرغا زىيارەتكە كېلىپ كېتىپ، 6 ئاي ئۆتكەندە تۇتۇپ كېتىلگەن».

ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى خىتاينىڭ دادىسى يۈسۈپ ھوشۇرنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«دادام يۈسۈپ ھوشۇر بۇ يىل 61 ياشقا كىردى. دادام تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ساتاتتى. 2018-يىلى 6-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، تۇتۇلغان ۋاقتىدا زور مىقداردىكى پۇل ۋە مال-مۈلۈكلەر بىللە ئېلىپ كېتىلگەن. ھاياتمۇ ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئالالمىدىم».

ئۇ، ئاكىسى مەمەتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئاكام مەمتىمىن يۈسۈپ بۇ يىل 34 ياشتا. ئۇ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇ، دادام بىلەن قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ساتاتتى. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. مەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 11يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئاكام تۈركىيە بىلەن مىسىرنى زىيارەت قىلغان شۇ سەۋەبدىن كېسىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن».

ئۇ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتىمىزدە سىڭلىسى رەيھانگۈلنىڭ ئون تۆت يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىڭلىم رەيھانگۈل يۈسۈپ، بۇ يىل 30 ياشتا. دوختۇرخانىدا سىستېرا بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. 2017-يىلى 4-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن. سىڭلىمنى 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. سىڭلىم رەيھانگۈلمۇ تۈركىيە بىلەن مىسىرغا بارغان ئۇنىڭ ئۈچۈن كېسىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن».

ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى خىتاينىڭ چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارغا، ئىگىلىك تىكلىگەن پۇلدار كىشىلەرگە ۋە زىياليىلارغا قاماق جازاسى بېرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلگە چىققانلارنى قارا-قويۇق تۇتۇشى كۆزى ئېچىلغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان كىشىلەرنى يوق قىلىش. بىلىملىك ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تۇتۇپ كېتىشى ئۇلارنى يوق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى بىلىمسىز نادان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش، ئىگىلىك تىكلىگەن پۇلدار ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشى، پۈتۈن بايلارنى يوقىتىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە مۇختاج بېقىندى قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت».

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىناتتى. جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ۋە كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى تۈركىيە ۋە مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن چېتىشلىقى بار ئۇيغۇرلار دەپ قارالماقتا. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى تېخىگىچە ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۈپەيلى سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا. بەزى ئۇيغۇرلار بولسا ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تراگېدىيەسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى مەزكۇر ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا ئەرەپچە ۋە تۈركچە سىن-كۆرۈنۈش لېنتىسى ئىشلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپ ساندا ئادەم كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ، بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، ئاخىرىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پەريادىغا قۇلاق سېلىشقا، خىتاينى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

كومۇنىست خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن 1984-يىلى تۇنجى بولۇپ مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى جېلىل تۇران ئەپەندى ئاخىرقى يىللاردا مىسىرغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 3-4 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئىگىلىشىچە ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ۋە مىسىردا ئوقۇغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى بەزىلىرىنىڭ تۇرمىگە تاشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر يۈسۈپ ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىن كېلىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان 15 ياش بىلەن بىرلىكتە 27-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا نامايىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، 4-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇل سارىيەر رايونىدىكى كونسۇخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ، خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ ياشلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغانىدى.

ئۆمەر يۈسۈپ 8-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىۋاتقان 15 ئۇيغۇر ياش بىلەن ئەنقەرەگە قاراپ ماڭغاندا تۈرك ساقچىلىرى ئەنقەرەگە 35 كىلومېتىر قالغان جايدا توسۇپ، ئەنقەرەگە كىرگىلى قويمىغانىدى.