زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى نامزاتى ئونۇر سويتۈرك: «رايونلۇق  ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكى ھەر دائىم ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق»

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى باشلىقى سايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ نامزاتى ئونۇر سويتۈرك، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئەگەر بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولالىسام، ئىشىكىم ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ئوچۇقتۇر» دېدى.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ سايلام نۆۋەتتە تۈركىيەدە كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا كىمنىڭ سايلىنىدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. بىز تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئونۇر سويتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئەگەر رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقسا، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەر زامان ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئونۇر سويتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئونۇر سويتۈرك، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى نامزاتىمەن. كەسپىم شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېگىمىز تۈركىيەنىڭ ئوردۇ ۋىلايىتىدىن بولۇپ، سامسۇن شەھىرىدە دۇنياغا كەلدىم. 25 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتىمەن. 2004-يىلى ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈردۈم. 20 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا كەسپىم دائىرىسىدە خىزمەت قىلدىم. ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە شەھەر قۇرۇلۇشى بويىچە بىر ئىش پىلانىدا ئىشلىدىم. 4 قېتىم ئۆزبېكىستانغا باردىم.»

ئونۇر سويتۈرك ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا نامزات بولۇشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى: «مەن زەيتىنبۇرنۇ خەلقىگە خىزمەت قىلىش مەقسىتى بىلەن زەيتىنبۇرنى رايونىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات بولدۇم. زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى شەھەرنى يېڭىلاش، يەنى كونا ئۆيلەرنى چېقىپ ئورنىغا يېڭى ئۆي سېلىش. ھازىر زەيتىنبۇرنۇ خەلقىنىڭ كۆپى كونا ئۆيلەردە، يەر تەۋرەشكە چىدامسىز ئۆيلەردە تۇرماقتا. مەن زەيتىنبۇرنۇ خەلقىگە پايدىلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتى بىلەن نامزات بولدۇم.»

زەيتىنبۇرنۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، 20 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئونۇر سويتۈرك ئەپەندى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ سايلانسا، ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «1950-يىللاردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلار زەيتىنبۇرنىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە زەيتىنبۇرنۇدا ياشىماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلار زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ كۆنچىلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. كۆنچىلىك كەسپىنى تۈركىيەلىكلەرگە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆگەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەرمۇ بۇ رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆنچىلىكنى ئۆگەنگەن.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈنمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانسام، ئالدى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن كۆچمەنلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى قىلىمەن. بۇ رايوندا تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قېرىنداشتەك ئىتتىپاق ياشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.»

زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا 1957-يىلى رايون سالاھىيىتى بېرىلگەن بولۇپ، ھازىرقى نوپۇسى 293 مىڭ 839 ئىكەن. ئونۇر سويتۈرك ئەپەندى زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن زەيتىنبۇرنۇدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن. ئۇلار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانىي ۋە ئەقەللىي تەلەپ، بۇلارنى ئەلۋەتتە قىلىمىز. چۈنكى بىزنىڭ شەھەر باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپىمىز ھەممە كىشىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتۇر.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار جەمئىيەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىكەن. يېقىندا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، ئافغانىستاندىن كەلگەن تۈركىي خەلقلەر ۋە باشقا رايونلاردىن كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىيىنچىلىقى توغرىسىدا ماڭا تەلەپ-پىكىرلەر يەتكۈزۈلدى. ئەگەر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانسام، بۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىمەن.»

ئۇ، رايون باشلىقى بولۇپ سايلانسا، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا شەھەر قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالەمنىڭ تېمىسى ‹ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەھەرچىلىككە قوشقان تۆھپىسى› ئىدى. رايوننى ئىدارە قىلىشتا ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بېرىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شەھەر باشلىقى بولىدىغانلىقىمغا ۋەدە بېرىمەن.»

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى بىر كوچىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ نامى بېرىلگەندىن سىرت، بىر باغچىغا قازاق يازغۇچى ئاباينىڭ ئىسمى بېرىلگەن ئىدى. ئۇ بىزنىڭ «ئونۇر سويتۈرك ئەپەندى، بۇ قېتىم شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسىڭىز، كوچا ۋە باغچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شەخىسلىرىنىڭ نامىنى يەنە بېرەمسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «كوچا ۋە باغچىلارغا نام بېرىش، مۇھىم شەخسلەرنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش، مەكتەپ، يەسلى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە مۇھىم شەخسلەرنىڭ ناملىرىنى قويۇش، ئەلۋەتتە مۇھىم. بۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى قىلالايدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. ئەگەر مەن 31-مارتتىكى سايلامدا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانسام، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئىمكانىمنىڭ يېتىشىچە ئورۇندايدىغانلىقىمغا ۋەدە بېرىمەن.»

بۇ قېتىملىق سايلامدا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، قەيسەرى ۋە كونيا قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 چوڭ شەھەر بىلەن 1351 رايون، ناھىيە ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. سايلامدا بېلەت تاشلايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 60 مىليوندىن كۆپ بولۇپ، بۇلار تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە، رايون ۋە يېزىلارنى 5 يىل باشقۇرىدىغان باشلىقلارنى سايلايدۇ.