1989-يىلى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» يۈز بېرىشتىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نى ئاساس قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق 14-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
باياناتتا تىلغا ئېلىشىچە، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان» بىر ھەرىكەت بولغان. باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتتىن كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك كۈرىشىدە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇش تەلەپ قىلىنغان.
باياناتتا ئىپادە قىلىنىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرقىسمى ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن بولسا، بىرقىسمى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يەنە بىرقىسمى ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولغان. مەسىلەن، بۈگۈن د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1994-يىلى ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن. ۋارىس ئابابەكرى 2019-يىلى 24-نويابىر جازا لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن قازا قىلغان. ئەركىن تۇرسۇن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. شۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان يەنە كىملەرنىڭ قانداق قاباھەتلىك قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

«15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئاخىرلىشىپ 3 ئايدىن كېيىن، يەنى 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ۋارىس ئابابەكرىلەر مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئىدى. يەنە بىر قىسىم باشلامچىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ ھەر تۈرلۈك جازالىرىغا يولۇققان بولسا، بىر بۆلىكى خىزمەت تەقسىماتىدا جازاغا ئۇچرىغان. 1988-يىلىدىكى «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ تەشكىللىگۈچىسى، بۈگۈنكى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ۋارىس ئابابەكرى ۋە ئەركىن تۇرسۇنلارنىڭ پاجىئەسىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، شۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، ھازىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىمدۇر. ئۇ، 1988-يىلىدىكى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى 1949-يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ھۆرلۈككە بولغان تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلىش، مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تالاي قېتىملاپ قانلىق كۈرەشلەر ئېلىپ بارغان ئىدى. 1985-يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قوزغىلىپ چىقىپ، تۇنجى قېتىم دېموكراتىك ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرۈشىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. 1988-يىلىدىكى 15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۇنىڭ داۋامى ئىدى. شۇ قېتىمقى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھازىر مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. بىر قىسمى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قۇربان بولدى ۋە كۆپىنچىسى ھازىر خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە ياكى جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چەكمەكتە. 1985-يىلى ۋە 1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىزنىڭ كۈرەش تارىخىمىزنىڭ يۇقىرى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالىدىغان شانلىق ھەرىكەتلەردۇر.»
چەت ئەلدىكى خىتاي زىيالىيلىرى 34 يىلدىن بۇيان «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلگەنگە ئوخشاش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، بۇ ھەرىكەتلەرنى دائىما خاتىرىلەپ تۇرۇشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مىللىي روھىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ۋە ئۇلارغا ئۆتمۈشتىن دەرس بېرىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2018-يىلى 15-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ شاھىتلىرىنى گېرمەنىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم قىلىپ، «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.