تەيۋەن پارلامېنتى 30-دېكابىر كۈنى بىلەت تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ تونۇغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلغان.
تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن پارلامېنتى، پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇشى بىلەن 30-دېكابىر بىلەت تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى»، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا قارار ئېلان قىلغان. قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىردەك ئەيىبلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئۇيغۇر خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۆركەش دۆلەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈ 30-دېكابىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىنى ئېلان قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئالىم سېيىتوف، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
يوقۇرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.