ئۆركەش دۆلەت: «تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاسارىتىنى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدۇ»
2023.06.05
بۇ يىل 4-ئىيۇن، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 34 يىللىق خاتىرە كۈنى. مەزكۇر نامايىش خەلقئارادا «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان.
1989-يىلى بېيجىڭدا قوزغالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى دۆلەت ئىچىدە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئون نەچچە يىللارغا سوزۇلغان سىياسىي كۈرەشلەرگە ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى بېكىنمىچىلىككە خاتىمە بېرىلگەن، سىياسىي ئاتموسفېرا بىر مەھەل بوشىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئەمما دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنچ نامايىشى يەنىلا ھەربىي قوشۇنلار تەرىپىدىن تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان. مەزكۇر قانلىق باستۇرۇش شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلىنىپ كەلگەن.
بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» (#TiananmenSquareMassacre) خەشتەگى تىۋېتتىردا ئەك كۆپ ھەمبەھىرلەنگەن خەشتەگ بولغان. خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا دائىر تارتىلغان ۋىدىيو ۋە رەسىملەر قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا 4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى قاتارلىق ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن، پەۋقۇلئاددە كومىتېتنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسىي پېلوسى قاتارلىق دۆلەت ئەمەلدارلىرىمۇ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» خەشتەگى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى خاتىرىلەيدىغان يازمىلارنى ھەمبەھىرلىگەن.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» ، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (UN Watch) غا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئەينى ۋاقىتتا تيەنئەنمېندە ئوقۇغۇچىلارغا باشلامچىلىق قىلغان ئۆركەش دۆلەتكە ئوخشاش سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى خاتىرىلىگەن.
ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى بولۇپ، 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ خىتاي خەلق سارىيىدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 34-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم بۇ كۈننى خاتىرىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى <قاتىل> تېخىچە سىرتتا، جازاغا تارتىلمىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇشۇنداق بىر ۋەھشىي قانخور ھاكىمىيەتنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشتا مەغلۇپ بولدى. بۇ كۈن پەقەت خاتىرىلەش كۈنىلا ئەمەس بەلكى، بىز ئاشۇ ھاياتىنى دېموكراتىيە ئۈچۈن قۇربان قىلغان ياشلارغا ئۇلار بەرگەن قۇربانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمىزنى، ئۇلار تۈگىتەلمىگەن ۋەزىپىنى بىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر كۈن. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كۈننى خاتىرىلەش شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، بىز بۇ ئارقىلىق خەلقئاراغا، بولۇپمۇ تېخىچە خىتايدەك قانخور ھاكىمىيەت بىلەن يەنىلا قول سىقىشىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك سودىسىنى داۋام قىلىۋاتقان غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە، ئۇلارنىڭ خىتاي سىياسىتىنى سىياسىي ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشتۇر» .
ئالدىنقى ھەپتە «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى خاتىرىلەش ھارپىسىدا سابىق تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى 55 ياشلىق جوۋ فېڭسۇ نيۇ-يوركتىكى كىچىك بىر مۇزېيدا تيەنئەنمېن نامايىشىدىكى بايراق، خەت ۋە قانغا بويالغان كۆڭلەك قاتارلىق بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلغان. ئۇ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئەركىن، دېموكراتىك بولۇشىغا ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ يې قىن كەلگۈسىدە دېموكراتىك بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئۆركەش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ دۇنيا خىتاي كومپارتىيەسىدەك بۇنداق بىر ھاكىمىيەتكە ئۇزۇن مۇددەت سەۋر قىلالمايدۇ. بەلكىم بىر مۇددەت ئالدىنىپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما مەڭگۈ ئەخمەق بولۇۋەرمەيدۇ. بۇ سىياسىي ئانالىزدىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك ئىشىنىشتىن بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مەن ئېتىقادلىق ئادەم. مەن ئۇ كۈننىڭ ناھايىتى يېقىن بىر كەلگۈسىدە يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» .
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياشلارنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىشتىكى قەھرىمانلىقنى خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچلىقىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشنىڭ بىر پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پېڭ ئەپەندى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» يۈز بەرگەندىن كۈنىمىزگىچە بولغان 34 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ كۆزەتكەنلىرى ۋە ئانالىزلىرىنى ئېلخەت ئارقىلىق بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «1989-يىلدىكى كۈچلۈك دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىزنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىدە ئەقىللىق بولماسلىقىمىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقىمىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مەغلۇبىيىتىمىزدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بىز 4-ئىيۇندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ماتەم بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە 70 نەچچە يىلدىن بۇيان ج ك پ نىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قازا قىلغان سانسىزلىغان بىگۇناھ جانلارغا ماتەم تۇتىمىز. بىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمىز بىر پارتىيە دىكتاتورا ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا غايەت زور كرىزىسقا پېتىپ قالدى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى، ئەمما دۇنيا خىتايغا قارىتا تېخىمۇ سەگەكلەشتى.< 4-ئىيۇن>نىڭ 34 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز داۋاملىق ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى قىممەت قارىشىنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئاخىرقى جەڭگە قاتنىشىشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئەركىنلىك چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، مۇستەبىتلىك چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» .
ئاخىرىدا ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى دۇنيادىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بىرلىشىپ خىتاينىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشتا خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا يېتەرلىك كۈچى يوق. شۇڭلاشقا بىز دېموكراتىك دۆلەتلەرنى يېنىمىزغا ئېلىپ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقى مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشىمىز كېرەك. خىتاينى مۇشۇ كۈنگە ئەكەلگەن سىلەر، شۇڭا سىلەرنىڭ بىزگە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىپ بېرىش قەرزىڭلار بار-مانا بۇ مېنىڭ غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرگە دەيدىغىنىم.»