ئۆركەش دۆلەت بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى، يەنى 1989-يىلى خىتايدا پارتلىغان تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، داڭ چىقارغان ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئەينى يىللىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان رەھبىرى ئۆركەش دۆلەتكە ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا چېكىدىن ئاشقان «دۆلەت تېررورلۇقى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتى.
بولۇپمۇ خىتايدەك بىر بىليارتتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئۆركەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ، خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلىكى، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىكى خىتاي خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭغا دادىللىق بىلەن سوئال قويغانلىقى ۋە كەسكىن تارتىشقانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا يەنە بىر قېتىم بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ۋىدېيولاردىن بولۇپ قالدى.
شۇ كۈنىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ساقلىنىپ قالغان خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ سۆھبەت باشلىنىشى بىلەنلا ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە باشلىغان.
لى پېڭ ئالدى بىلەن بىر ئاز كېچىكىپقالغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنى «ھۆكۈمەتسىزلىك» ۋە «مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇش» دەپ ئەيىبلىگەن.
سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر ئاز كېچىكتىم، ئەلۋەتتە. سىلەر تېخى 22-23 ياشلاردىكى بالىلار ئىكەنسىلەر، مېنىڭ ئەڭ كىچىك بالاممۇ سىلەردىن چوڭ. سىلەر مېنى راستىنىلا ئەنسىرىتىپ قويدۇڭلار.»
ئۆركەش دۆلەت لى پېڭنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىزنى 22-ئاپرېل كۈنىلا تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدۇق. سىز ئازراق كېچىكتىڭىز ئەمەس، بەلكى ناھايىتى كېچىكتىڭىز. ئەمما ھېچقىسى يوق، سىزنىڭ چىققىنىڭىزنىڭ ئۆزى ياخشى ئىش.»
ئاندىن لى پېڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەپ، قاتتىق تەلەپپۇزدا مۇنداق دەيدۇ: «كۆرۈۋاتىسىلەر، بېيجىڭ شەھىرى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە قالدى. مەن يولداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭ ئاخىرى قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ؟ قالايمىقانچىلىق خىتايدا كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ئەسلى نۇرغۇن كىشىلەر قالايمىقان بولۇشىنى خالىمايتى، ئەمما ئاخىرى يەنىلا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. بىز بۇ ئەھۋالغا كارىمىز بولماي تۇرالمايمىز!»
ئەينى چاغدا لى پېڭنىڭ سۆزىگە قارىتا خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋاڭ دەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئەلۋەتتە، بۇنداق داۋاملاشسا جەمئىيەتكە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، مەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇشى كېرەك،» دەيدۇ.
ئۆركەش دۆلەت بولسا دادىللىق بىلەن لى پېڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە دەھرال جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «باش مىنىستىر لى پېڭ، مەن بايىقى سۆزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاي. بىز ئەمدى تالاشمايلى. بۇ بىزنىڭمۇ پىكىرىمىز. تېزلىكتە بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە جاۋاب بېرىڭ. چۈنكى مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلار ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە توغرىلىق يەنە تالاش-تارتىش قىلمىساق دەيمەن. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بولغان بىزنىڭ بۇ جايدا يەنە ئولتۇرۇۋېرىشىمىزگە ھاجەت قالمايدۇ!»
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە باشلامچىلىق قىلغان 22 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تۇتۇش ئۈچۈن چىقارغان قارا تىزىملىكتە ئۆركەش دۆلەتنى بىرىنچى قاتارغا، ۋاڭ دەننى ئىككىنچى قاتارغا تىزىدۇ. 1989-يىلى 6-ئايدا ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار باشلامچىلىرى چەتئەلگە قېچىپ چىقىدۇ. ئۆركەش دەسلەپكى چاغلاردا ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ. ئۇ 1996-يىلىدىن كېيىن تەيۋەنگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى چەتئەللەردىكى ھەرىكەتلەردە داۋاملىق ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسى بۇ يىلى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆركەش دۆلەت تەيۋەندىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، «ئامېرىكا ئاۋازى»، «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرىكى تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ۋە خىتاينىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆركەش دۆلەت ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە ۋە تاراتقۇلارغا سۆزلىگەن سۆزلىرىدە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى خىتايدا ئىلگىرى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى كۈتكەندەك دېموكراتىيەلىشىش ئەمەس، بەلكى دىكتاتورىلىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆركەش دۆلەت يەنە خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدەك مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىيىشى ئەمەلىيەتتە 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغاندىن باشقا يەنە ئۆزىگە ئوخشاش چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنى خىتاي چېگراسىدىن كىرگۈزمەسلىك، ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش، ئۇلارغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمەسلىك قاتارلىق يوللار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆچ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 30 يىللىقىنى خۇلاسىلەپ قىلغان سۆزلىرىدە يەنە ھازىر پۈتكۈل خىتاي خەلقىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ پۈتۈنلەي يوققا چىققانلىقى، ھەتتا خىتاينىڭ دىكتاتورىلىق مودېلىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتايدىن ئەمدى ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتمەسلىككە ۋە خىتايغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى دەل ئۆركەش دۆلەتتەك ئۆز قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ھۆكۈمەتكە قارشى ئاممىۋى ھەرىكەتلەردە يېتەكچىلىك قابىلىيىتىنى ھازىرلىغان سەرخىللەرنىڭ ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا ئۆركەش دۆلەت بىلەن ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە ئۆركەش دۆلەت بىلەن ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر مىلياتتىن ئارتۇق ئاھالىسى بولغان خىتايدا شۇ قەدەر تونۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئىلشات ئەپەندى يەنە ئۆركەش دۆلەت ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتايدا تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىرلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئىشنىڭ زور جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر روھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «ئۆركەش دۆلەتنىڭ 30 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل زەربە بېرىش ۋە ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلىنىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان،» دېدى.
0:00 / 0:00