كۇچا ئالاقاغالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى يۇرتىدىكى مەھەللىداشلىرىدىن مەمەت ئىبراھىم ئىسىملىك كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ سۈننەت توي مۇراسىم ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت سۈننىتى قىلىنغان ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى، خىتاي چەكلىگەن سۈننەت توي مۇراسىمنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن مېھرى مۇھەببەت مەكتىپى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۇچالىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئالدىنقى كۈندىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدا سۈننەت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، كىمكى مۇراسىم ئۆتكۈزسە لاگېرغا ئەكېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، سۈننىتى قىلىنغان ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بىر ئامانلىق خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە كۇچادا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، جۈملىدىن ساقچى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ نازارىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ھەرقانداق بىر توي ياكى ئۆلۈم مۇراسىمىنى ئاشكارا ياكى مەخپىي ھالدا ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەمەت ئىبراھىمنىڭ قوشنا يېزىدىكى تۇغقانلىرى، ئۇنىڭ ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن ۋاقتىدا، ئۇ يوقلاپ كەلگۈچىلەرنى ئىش ئالدىراشچىلىقىدا ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئەگىشىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش باھانىسى بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن.
ئىلگىرى قارىمايدىكى «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن 10 يىلغا يېقىن مىسىردا دىنىي ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردىكى سۈننەت مۇراسىمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. سۈننەتنىڭ ئۇيغۇرلاردا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى سۈننەت مۇراسىمىنىڭ بىر دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشلا بولماستىن، يەنە بالىلارغا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە مەھەللە كوي مېھرىنى سىڭدۈرىدىغان ياخشى بىر سەھنە ۋە پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «قەلبنىڭمۇ قۇلىقى بار» دېگەن بىر ھەدىسنى تىلغا ئالغان، ئابدۇرېشىت ئەپەندى، سۈننەت مۇراسىمىدا ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئا ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇرېشىت ئەپەندى سۈننەت توي مۇراسىمىدا سۈننەت قىلىنغان بالىنىڭ بېشىدا ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولۇش، ئۇنىڭ ئېغىزىغا تۇخۇم سېلىش، قولىغا پۇل تۇتقۇزۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئادەتلەر يالغۇز بالىغا ئاغرىقنى ئۇنتۇلدۇرۇش ياكى تەسەللى بېرىشلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى بالا قەلبىگە مېھرى-مۇھەببەت سىڭدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ، سۈننەت توي كۈنى ئوغلاق تارتىش، بالىلارنىڭ بېلىگە پوتا باغلاپ، كوچا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ، يەنە بىر نۇقتىدىن، شۇ بالىغا ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى تىكلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق بىر مەكتەپنىڭمۇ تولۇقلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
كىشىلەردىكى كوللېكتىپچانلىق ئېڭىنىڭ ھەرگىز مەمۇرى بۇيرۇق بىلەن شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى، كىچىكىدىن ئەتىۋارلىنىپ، جۈملىدىن سۈننەت توي مۇراسىمىدىكى تاتلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن جەمئىيەت مەسىلىلىرىگىمۇ ئىجابىي كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى ۋە مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنى يىقىتىپمۇ، قۇرئانى كىرىمنى كۆيدۈرۈپمۇ، دىنىي زاتلارنى ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاپمۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ كېلەچىكىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ۋە مىللىي ئاڭنى پۈتۈنلەي زەئىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن مىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بالىلارنى سۈننەت قىلىشنىڭمۇ دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىم بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىنى چەكلىمەكتە.
يۇقىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا بالىلارنى سۈننەت قىلىشنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىم بىلەن ئۆتكۈزۈلىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.