كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر مۇراسىملىرى ۋە يوقىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى

مۇخبىرمىز ئەزىز
2020-12-15
Share
كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر مۇراسىملىرى ۋە يوقىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ھەممىسى باشتىن كەچۈرۈپ باققان ئورتاق بىر كەچۈرمىش ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلىشى ھەمدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە مېھمان بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشتۇر. ئەنە شۇنداق ئالىملارنىڭ بىرى قاتارىدا يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس تىموسىي گروسنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغان كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر «خىتاي ھۆججەتلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەردە چەتئەللىكلەرنىڭ تەقىب قىلىنىشىدىن ياخشى خەۋىرى بولغان تىم گروس 2010-يىلى ئەندىشە ئىچىدە تۇرپاندىكى ئۇيغۇر دوستىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇر دوستى تىم گروسنىڭ پەرىشان قىياپىتىگە قاراپ «سەن ئەندىشە قىلما! توي ۋە نەزىرلەرگە ھۆكۈمەت دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ» دېگەن. ئەمما ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توي-تۆكۈنلەرگە يىراقتىن قول تىقىشى ئاخىرلىشىپ، خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مۇراسىملارغا «نازارەتچى» سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشى ئومۇملاشقان. بولۇپمۇ توي-تۆكۈندىن تارتىپ بالىلارغا ئىسىم قويۇش، خەتنە قىلىش، يەرلىككە قويۇش دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسى ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن «ئالاھىدە مېھمانلار» نىڭ قەدىمى يەتمەي تۇرۇپ باشلانمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. تېخىمۇ قىزىقى يەرلىك ئۇيغۇرلار مۇشۇ خىلدىكى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئاۋۋال شۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن ئۆتكۈزىدىغان بولغان. بەزى جايلاردا بولسا مۇشۇ خىلدىكى «رۇخسەت خېتى» ئالغانلارغا ماددىي مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق بۇنى تەشۋىق قىلغان. مۇراسىملارغا رىياسەتچىلىك قىلىش بولسا دىنىي زاتلارنىڭ قولىدىن كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلىغان. بۇ ئەھۋال توغرىسىدا سۆز بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ قېتىملاپ مۇشۇ خىلدىكى مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلىپ باققان ياش ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر بۇنىڭ مۇستەملىكىچىلەردىكى ئورتاق ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

«ھەر قېتىم بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئانتروپولوگ ۋە تارىخشۇناس ئان ستولېرنىڭ ‹مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھەۋىسى› توغرىسىدا يازغانلىرى يادىمغا كېلىدۇ. بۇنىڭدا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان رايونلاردىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھادىسىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مۇستەملىكىنى تېخىمۇ تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق بۇ نەزەرىيەنىڭ دەل ئۇلارنىڭ ھاياتىدا سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تىموسىي گروسنىڭ بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى مۇھاكىمە تېمىسىغا ئېلىپ چىقىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى ئۆز پايدىسىغا شەرھىلىشى دېگەنلەر دەل مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى سەرەمجانلارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى بېكىتىپ چىققانىدى. شۇ قاتاردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھادىسىلەرنىڭ يەنە بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىقتىكى پائالىيىتىگە مەنسۇپ مۇراسىملار بولدى.»

تىم گروس بۇ جەرياندا دىققەت قىلغان يەنە بىر ئەھۋال 2017-يىلىدىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردا كۆپلەپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «تۆت خىل پائالىيەتنى تەرتىپكە سېلىش» شوئارىنىڭ نەتىجىسىدە ھەر دەرىجىلىك كومپارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى «پائالىيەت نۇقتىسى» نىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى بولغان. يېزىلىق ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان بۇ ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرچە مۇراسىملارمۇ ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئىلگىرىكى مەزمۇنلىرىنى تەدرىجىي «ئۇنتۇش» قا باشلىغان. بولۇپمۇ بۈۋىلەرنىڭ بۇ خىل دىنىي مۇراسىملارغا باش بولۇشى مەنئى قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى ئىماملار قىلىدىغان ئىشلارنى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار قىلىدىغان بولغان. مەسىلەن، بوۋاقلارغا ئىسىم قويۇشتا ئۇيغۇرلار بوۋاقنىڭ سول قۇلىقىغا ئەزان توۋلاپ ئوڭ قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىدىغان بولۇپ، بۇ ھالنى ئەمدىلىكتە كادىرلار ئىجرا قىلىدىغان بولغان. شۇنداقلا بۇنىڭدىكى دىنىي جەريان قىسقارتىلىپ، بوۋاققا قاراپ «ئىسمىڭىز پالانچى بولدى» دەپلا قويۇش بىلەن چەكلىنىدىغان بولغان. بەزى جايلاردا بولسا خەتنە قىلىشقا دىنىي زاتلارنى چاقىرماسلىق، بەلكى بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ خەتنە قىلىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. 2018-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلاردىكى نىكاھ ھەققىدە چىقىرىلغان يەرلىك بەلگىلىمىلەر بۇنىڭدا ھېچقانداق دىنىي مەزمۇننىڭ يوق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دەررېن بايلېر بۇنىڭ زىيىنى ھەممىدىنمۇ بەك كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بولۇپمۇ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم، سۈننەت ۋە خەتنە تويلار ھازىر ئاشۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترول قىلىشىدا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قىزىق يېرى بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان كادىرلار دىنىي زاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا تويلاردا خىتايچە ئۇسۇلۇپتىكى كىيىملەرنى كىيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۆلۈم يېتىم ئادەتلىرىمۇ مۇشۇ شەكىلدە بېكىتىلگەن مەزمۇنلار بويىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. تويلاردا بولسا ھەتتا بەزى جايلاردا خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇۋاتىدۇ. دەرۋەقە بۇ خىلدىكى مۇراسىملاردا ھەرقاچان خىتاي كادىرلار نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇلار بېكىتكەن قائىدىلەرگە بويسۇنمىغانلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىنىشىنى بۇ يوسۇندا كونترول قىلىش 1997-يىلىلا باشلىنىپ بولغان. ئەمدى ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دەپنە مۇراسىم ئىشلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ مۇراسىملار بىردەك قويۇق ئىسلام تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق تامام بولاتتى. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ قائىدىلەرنىڭ كۆپ قىسمى قىسقارتىۋېتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە چوڭ بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى بولسا ئەنە شۇ مۇراسىمنى ئۇيغۇرنىڭ مۇراسىمى قاتارىدا كۆرۈپ چوڭ بولىدۇ.»

بۇ خىل «غەيرىلىك» ھەققىدە تىم گروس يەرلىك كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا غۇلجىلىق بىر ئايال «ئىلگىرى بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئاۋۋال نىكاھ ئوقۇتۇپ، ئاندىن توي خېتى ئالغىلى باراتتى. ھازىر ئىماملار توي خېتىنى كۆرمەي تۇرۇپ نىكاھ ئوقۇمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا نىكاھنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىرىنچى بولۇپ ئاللاھ ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت بېكىتىدىغان بولدى» دېگەن. تىم گروسنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بۇ خىل كونتروللۇقنى جان-دىلى بىلەن ھىمايە قىلىشى ھەمدە باشقىلارغا تەشۋىق قىلىشى بولغان. بولۇپمۇ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ «بىز كومپارتىيە ئەزالىرى ئاتىئىزىمچى بولغانىكەنمىز، ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان، دېسەك بولمايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بىز نېمىشقا توي-تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملىرىمىزغا دىنىي زاتلارنى چاقىرغۇدەكمىز؟» دەپ ئۈندىداردا جامائەتكە خىتاب قىلىشى، باشقا ئەمەلدارلارنىڭ بولسا «ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇر. ئەمما ئۇيغۇر دېگەن مۇسۇلمان دېگەن گەپ ‍ئەمەس. بۇنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز لازىم» دەپ ئاۋاز قوشۇشى بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە ئاشكارا دەۋەت قىلىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

تىم گروس مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «روشەنكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە قادىر ئەمەس. ئەمدىلىكتە خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ خىلدىكى مۇقەددەس مۇراسىملارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى كىملىك قۇرغىنىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت