خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تەنتەربىيە ساھەسىگىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا
2024.06.21
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش پىلانىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن تەڭ رەۋىشتە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا يېقىندا خىتاينىڭ تەنتەربىيەگە مەسئۇل بىر ئالىي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەنتەربىيە ئىشلىرىدا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى چىقىش قىلىشنى تەكىتلىشى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا تەنتەربىيە جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» دا، خىتاي تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى» «چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىشنى ئاساسى چىقىش نۇقتىسى قىلىشى كېرەك» دەك تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ھەپتە يەنە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى چېن يىچېڭ قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق رايونلاردىكى 2 كۈنلۈك زىيارىتىدە، رايوننىڭ پۇتبول ساھەسىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ، تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تەنتەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بىر ئالىي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى چىقىش قىلىشنى تەكىتلىشى ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى چىقىش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، مەزكۇر خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىگىمۇ سىڭىپ كىرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە 2013-يىلى سېنتەبىردە، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى ئۇيغۇر كىملىكىنى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھەممىگە ئايانكى، تەنھەرىكەت كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ۋە ئىتتىپاقلىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كىملىك شەكىللەندۈرۈشتىكى جەريان ۋە ئەمەلىيەتنىڭ بىر تۈرى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا تەشكىللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى سۈپىتىدە قانداق قىلىپ ئۆز كىملىك سالاھىيىتىنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ھالبۇكى بۇ خىتايدا پۈتۈنلەي قارمۇ قارشى ھالەت بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان بىز خىتاينىڭ تىل، دىن، سەنئەت، تارىخ ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت تەرتىپىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرنى قانداق ئورنىتىپ، ئۇنى قانداق ئىجرا قىلدۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، تەنتەربىيە بۇلارنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يوليورۇقلىرى خىتاينىڭ دۆلەت قارمىقىدىكى تەنتەربىيە ئارقىلىق خىتاينى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بىلەن چەمبەرچاس باغلاشنىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىنماقتا.»
ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئادەتتە پۇتبول كىشىلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مەھەللە، شەھەر، رايون ۋە دۆلەتنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كىملىك سالاھىيىتى ھەتتا سىياسىي مەيدانىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«ئوخشىمىغان تۈردىكى سىياسىي كۆزقاراشتىكىلەر پۇتبول ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىك ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە يازغان ماقالەمدە، بىر قىسقا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدىم. يەنى، ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كوماندىسى خىتاي بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى قىلسا، ئۇيغۇرلار قايسى كوماندىنى قوللايدۇ؟ شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە خىتاينى ئەمەس، سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ئۆزبېكىستاننى قوللايدۇ. دېمەككى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئادەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنى قوللىمايدىغانلىقىدۇر. شۇڭا، مېنىڭچە تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنى توپلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولغاچقا، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ساھەگە قارىتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى سىڭدۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.»
مەلۇم بولغىنىدەك، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئۆزگەرتىش ھەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىغا بولغان تەۋەلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەم يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش دەپ قاراپ كەلمەكتە ئىدى.
ئەنە شۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بولۇپ، ئۇ، بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان كىشىنى بۇ لاگېرلارغا قامىغان قاتاردا ئۇيغۇر پۇتبول سەرخىللىرىنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەزەلدىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي تەنتەربىيەسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە روناق تېپىشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي كومپارتىيەسى رايونغا قارىتا تەنتەربىيە ساھەسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قوللىنىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
80-يىللاردىن 90-يىللارغىچە 10 نەچچە يىل ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي پۇتبول كوماندىسىدا پۇتبول ئوينىغان، ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كەسپىي پۇتبولچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1982-يىلى شۇ يىللاردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى كەسپىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغان ۋە بۇ كوماندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىدىن تاللانغان 20 پۇتبول ھەۋەسكارىدىن تەشكىللەنگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە رايوننىڭ مىللىي تەنتەربىيەسىگە بولغان كەمسىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدا ئۇرغۇپ تۇرىدىغان پۇتبولچىلىق تالانت-ماھارەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشۇشىدىن قورقۇشى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ تەڭسىز ۋە ناھەق بولغان چىرىك سىياسىي تۈزۈلمىسى بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ قەلبىدە نۇرغۇنلىغان ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان ئارمانلارنى قالدۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتىكى بەزى ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى.
بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا داخىل بولغان سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەنتەربىيە ۋە پۇتبول ساھەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى چىقىش قىلىشنى تەكىتلىشى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ يەنە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە نەتىجە قازىنالماي كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولغا بولغان تۇغما تالانتى، ماھارىتى ۋە جاسارىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نىقابىغا ئوراپ، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇۋاتقان» لىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەنتەربىيەدە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى چىقىش قىلىشنى تەكىتلىشىنىڭ مەقسىتى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ياش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش روھىنى چەكلەپ، ئۆزلىرىنى خىتاي مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تونۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.