ئوسلودىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى جيەنشۇنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 15-ماي كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ۋېيتناملىقلار، فالۇنگوڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىشىشىدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە زىيارىتى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا خارلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارادا جىددىي دىققەت تارتىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەن بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتايغا قارشى نامايىشچىلارنىڭ نامايىش ئورنىنى نامەلۇم خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىن ئىگىلىۋالغانلىقى نورۋېگىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنى كۆزەتكۈچىلەر ناھايىتى كۆپ بولغان.
دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى نامايىشتا نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدىكى مەيداندىن ئايرىلىپ قالغان نامايىشچىلارنىڭ خىتايغا قارشى توۋلىغان جاراڭلىق شوئار سادالىرى نورۋېگىيە-خىتاي دائىرىلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان زالغا قەدەر ئاڭلانغان بولۇپ، نورۋېگىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ سادانىڭ خىتاينىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قەدەر يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. دىققەتكە تارتىدىغان يەنە بىر مەسىلە بولسا 2 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ لى جيەنشۇ كىرىدىغان ئىشىك ئالدىدا «ئەركىنلىك!» دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ خىتايغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ تۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كېلىپ ئۇلارغا مەدەت بېرىشى بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقى تىلغا ئالدى. نامايىشقا قاتناشقان پاتىمە خانىم بولسا بۇ قېتىمقى نامايىشتا خىتاينى قوللىغۇچىلار بىلەن خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئىككى سەپتە تۇرۇپ، بىر بىرىگە كۈچ كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17-ماي كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ستىۋاڭېر شەھىرىدىمۇ خىتايغا قارشى يەنە بىر قېتىم نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.