تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ»
2024.06.22
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىشنى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەللەردە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تۈركىيەدىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى بۇرۇندىن تارتىپ بىلىدىغانلىقىنى، بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ بىلىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىگە تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قانداق قارايدۇ؟ پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ پەقەتلا دىنىي قېرىندىشىمىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قان-قېرىندىشىمىزدۇر. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنى قەلبىمىزنى يارىلىغان بىر مەسىلىدۇر. بىز شەرقىي تۈركىستاندىن بەك ئۇزاقتا بولساقمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەمنى داۋاملىق قەلبىمىزدە ھېس قىلىپ كەلدۇق. بىز بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئوسمان مەستەن ئەپەندى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا ئەزا 5 دۆلەتنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ زۇلۇمنى خىتاي بۇنداق شەكىلدە داۋاملاشتۇرالمايدۇ ۋە داۋام قىلالمايدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇندىن كېيىن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
تۈركىيەنىڭ سائادەت ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ، لېكىن تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلساق، رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاق پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە پەقەت قاتناشمايدۇ. ئەگەر راستتىنلا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلسە، بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى كېرەك. پەقەت ئېغىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتىمۇ ئىگە چىقىشى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەم مىللىي ھەم دىنىي جەھەتتىن يوقىتىشقا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆزىنى دىندار ۋە مىللەتچى دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئىككى پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى مىللىي ۋە دىنىي بۇرچتۇر.»
ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەن قازاقىستاندىكى ئەخمەت يەسەۋىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇرات يىلماز ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە خاس شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن ۋەھىم. ئەگەر راستتىنلا بىزنىڭ مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشىنى، ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش بولىدىغان بولسا، بىز بۇ مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ئوخشىمايدىغان بىر سىياسەت بەلگىلەپ چىقىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان زېمىنى پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم. مەن قەشقەرگە بارغان ۋاقتىمدا چالغۇ ئەسۋابلىرى ساتقان دۇكانلارنى ئايلاندىم، سازلارنىڭ كۆپى بىزنىڭ سازلار بىلەن ئوخشاش، بىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرىمىز بار. شەرقىي تۈركىستان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندى قەشقەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلاندۇق. بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قانداشلىق، ئوخشاش كۈلتۈر ۋە دىنداشلىق نۇقتىئىنەزەردىن قاراپ سىياسەت بەلگىلىشىمىز كېرەك. قىسقىسى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.»
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا چەت ئەل مەبلىغى ۋە تېخنىكاغا موھتاج ئىكەن. تۈركىيە بۇنى بېرەلەيدىغان دۆلەت خىتاي دەپ قارىغاچقا، 2015-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش يولىنى تۇتقان، ھالبۇكى، خىتايدىن كۈتكەن نەتىجە ئالالمىغان. خىتاي ھازىرغىچە تۈركىيەگە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك زور مەبلەغ سېلىپ باقمىغان. گەرچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى ئېشىپ 2023-يىلىدا 48 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە خىتايغا پەقەتلا 4 مىليارد دوللارلىق مال ساتالىغان، ئىككى تەرەپ سودىسىدا ئاساسلىق پايدىنى يەنىلا خىتاي ئالغان.