13-ئىيۇلدا تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشى ئىچىدە زالغا كىردى. ئالدى بىلەن مەزكۇر كۇرسنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، كۇرس توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزبېكچە بىلىمەن. ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئوخشاش. شۇڭا مەن ئۆزبېكچە سۆزلەيمەن. سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمغا خۇرسەن بولدۇم. ئۇيغۇر مەسىلىسى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىدۇر. بىزنىڭ قەلبىمىز سىلەر ئۈچۈن سالىدۇ. سىلەرنىڭ دەردىڭلار بىزنىڭمۇ دەردىمىز. سىلەر كۈلسەڭلار بىزمۇ كۈلسەك، سىلەر يىغلىساڭلار بىزمۇ يىغلىساق ياخشى بولىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئۇچرىشىشلىرىمىز بولۇپ تۇرىدۇ.»

ئارقىدىن سوئال جاۋاب قىسمىدا، پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندىدىن ئامېرىكادىن كەلگەن زىلالە مەمەت سوئال سورىدى. ئۇنىڭ «2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى› نى پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغانىدى، ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، نېمىشقا ھازىر ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ » دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قەيەردە تۈركىي خەلق بولسا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. شۇڭا تۈركىيە بۇندىن كېيىنمۇ كۈچلەنگەنسېرى ياردەم قىلىمىز. قوشنىمىز سۈرىيەدە ھاياتى خەۋپ ئاستىدا بولغان كۆپ ساندا تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز بار. شىمالىي ئىراقتىمۇ تۈركمەنلەر بار. تۈركىيە بۇرۇن ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگىمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشتى.»
ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەگەر پىرېزىدېنت ئەردۇغاننىڭ ھۆكۈمىتى بولمىغان بولسا بۇ كۇرسنى ئېچىشىڭلارغىمۇ رۇخسەت قىلمايتتى. مەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇرسا شەھىرىدە، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلدىم. بەزى مىنىستىرلىرىمىزمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. پىرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. سىلەرنىڭ ۋەزىيىتىڭلار بەكمۇ ئېچىنىشلىق، تۈركىيە كۈچلەنگەنسېرى سىلەرنىڭ مەسىلەڭلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ» .
ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىستانبۇلدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان مائىدە ئابدۇرېشىت خانىمنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى سوئالىغا پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن سىلەر بىلەن ئوخشاش ئويلايمەن. ئۇيغۇر كوزىرى قولىمىزدا مەۋجۇت. بۇنى ئىشلىتەلەيمىزمۇ بۇنى بىز ئويلىشىمىز كېرەك. مەن تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان ئادەم ئەمەس. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياكى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئەمەسمەن. ئۇلار نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ كوزىر قىلىپ ئىشلىتىۋاتامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. مەن تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسىتىنى توغرا دېيىشكە مەجبۇرمەن. قولىمىزدىكى ئىمكانىيەت مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ ئويلايمەن. تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېڭى قۇرۇلدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ كۆپى رۇسلار تەربىيەلىگەن كىشىلەر. ئۇلاردا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقۇم ئىنتايىن تۆۋەن. شۇڭا ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭمۇ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» .

مەلۇم بولغىنىدەك ئانا تىلىنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا تونۇشۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلار تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە جەم بولغانىدى. پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 34 ياشنىڭ ئەنقەرەدە جەم بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، مېھمان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچلارنى تۈركىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ قىلدى.
14-ئىيۇل كۈنى كۇرس ئەھلى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا چۈشەندۈرگۈچى خانىم تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى بېسىۋالغان تاجاۋۇزچىلار قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 1920-يىلى4-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى، ھازىرغىچە 28 قېتىم پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە پارلامېنتتا 600 پارلامېنت ئەزاسى بارلىقىنى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىدىغان ئورگان ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى مەزكۇر كۇرسنىڭ يېتەكچىسى، ئىستانبۇل بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمغا ئۇزاتتۇق. ئۇ، تۈركىيە دېموكراتىيەسىنىڭ بۆشۈكى بولغان تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا تۈركىيەنىڭ تارىخى، سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىسى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز مىكروفونىمىزنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلارغا ئۇزاتتۇق. ئۇلار ھەممە بىردەك تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
كۇرس10-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كۇرسقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان 34 ئۇيغۇر ياش قاتناشماقتا.