مۇخبىرىمىزنىڭ «قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، تۇتقۇن ئوسمانجان تۇرسۇن بىلەن قېييۇم ئابدۇكېرىمنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەلىللەندى. ئارخىپتا، ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىن ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ 5 كىشى تۈرمىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، «كەيپىياتى تۇراقسىز ۋە خەۋپلىك كىشى» سانىلىپ، 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان؛ قېييۇم ئابدۇكېرىمنىڭ بولسا تۇتقۇندا ئىكەنلىكىلا خاتىرىلەنگەن ئىدى.
«قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دا تۇتقۇنلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىلاردىن بىرىدۇر. ئارخىپتا بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، «جىنايەت» ئۆتكۈزدى دەپ قارالغان كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ۋە بىللە قوپۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. يەنە بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى جازالانغان بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلغانلىقى يېزىلغان. خاتىرىلىنىشىچە، 2018-يىلى 30 ياشقا كىرگەن ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ ئانىسى، ئاكىسى، ھەدىسى، ئىنىسى ۋە ئىنىسىنىڭ ئايالى بولۇپ 5 كىشى تۇتقۇندا بولۇپ، بۇ ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ كەيپىياتىنى تۇراقسىزلاشتۇرغان. بۇ تۇراقسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇ «خەۋپلىك كىشى»لەر قاتارىدا سانالغان ۋە 2017-يىلى 2-ئىيۇل كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، 40 كۈندىن كېيىن، يەنى 12-ئاۋغۇست كۈنى 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توققۇزاقتىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان زېمىن يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى، ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ ئەسلىدە 9-كەنت 4-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 35 ياشلار چامىسىدىكى ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ ئۆزى بىلەن قېتىلىپ ئائىلە ئەزالىرىدىن جەمئىي 7 كىشى نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەن. مەزكۇر خادىم ئوسمانجاننىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا 15 يىللىق ئارقىسىغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
«قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ئارخىپى» دا گەرچە ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىن كۆپ كىشى جازالانغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى يېزىلغان. ئەمما ئۇنىڭ جامائەت تەرتىپىنى كونكرېت قاچان ۋە قايسى سورۇندا، كىملەر بىلەن بۇزغانلىقى بايان قىلىنمىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ چيۇ يۈەنيۈەن ئىسىملىك بىر تەتقىقاتچىسى خىتايدىكى بىر ھۆكۈمەت توربېتىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە 2014-، 2015- ۋە 2016-يىللىرى رايوندا «تېررورچى» لارغا بەك قاتتىق زەربە بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ئەمما جازالانغانلار بەك كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چوقۇم قورسىقىدا غۇم بارلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ خەۋپلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» نىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىللىق نەتىجىسىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ «خەۋپلىك» كىشىلەرنىڭ يىغىۋېلىنىپ، ئۇلارغا «تەربىيە» بېرىلىۋاتقانلىقىنى شەرھىيلىگەن ئىدى. دائىرىلەر 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتنى 2019-يىلىغا كەلگەندە تورلاردىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى. مەزكۇر «ساقچى ئارخىپى» ئەنە شۇ دوكلاتتا ئېتىراپ قىلىنغان سەۋەبنى، يەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، 2017 -يىلدىكى چوڭ تۇتقۇننى ئېلىپ بارغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر ساقچى خادىمى يەنە ئارخىپتىكى تۇتقۇنلاردىن قېييۇم ئابدۇكېرىمنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. «ساقچى ئارخىپى» دا قېييۇم ئابدۇكېرىمنىڭ 48 ياش ئىكەنلىكى ھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكىلا قەيت قىلىنىپ، باشقا ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن.
مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 55 ياشلار چامىسىدا بولغان قېييۇم ئابدۇكېرىممۇ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
يۇقىرىدا، «كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دىكى تۇتقۇنلاردىن ئوسمانجان تۇرسۇن بىلەن قېييۇم ئابدۇكېرىمنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.