ئۈرۈمچىدىكى پاجىئە خىتاي مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىغا پىلتە بولغان

ئۈرۈمچىدە بىر كىچىدىلا ئەۋجىگە چىققان غەزەپلىك نامايىش، شەنبە كۈنى، يەنى 26-نويابىر خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ يامرىغان. يەرلىك مەنبەلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچى ئامما ئوت كەتكەن بىناغا قارىتىلغان قۇتقۇزۇشنىڭ كېچىكىشىگە دائىرىلەرنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرى سەۋەب بولغان، دەپ ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن دائىرىلەر قامال تەدبىرلىرىنى تەدرىجى بوشىتىشقا ۋەدە بىرىش بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققانلارغا زەربە بىرىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنىڭ، شۇنداقلا بىيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا شەھەرلەردىكى نامايىشلارنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققان ۋەقە، 24-نويابىر كەچتە ئۈرۈمچى «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، كەم دېگەندە ئون كىشىنىڭ ئۆلۈپ كىتىش ۋەقەسىدۇر. بۇ نامايىشلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش»تەك مۇرەسسەسىز قامال چەكلىمىسىگە، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى ھەم دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە بولغان كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئۈمىدسىزلىنىشلىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن.

توردا كەڭ تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، كۆيۈۋاتقان بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچىنىشلىق چىرقىراشلىرى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ بىنانىنىڭ چىقىش ئىشىكىنى ئىچىۋىتىش ھەققىدىكى سۈرەن-چوقانلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

پۇقرالارنىڭ دېيىشىچە، قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن كوۋىد-19 قامال چەكلىمىسى يۈز كۈندىن ئارتۇق يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئاھالىلەرگە غايەت زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، كىشىلەر شاڭخەيدىكى بىر كوچىغا يىغىلىپ نامايىش قىلماقتا، 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي.
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، كىشىلەر شاڭخەيدىكى بىر كوچىغا يىغىلىپ نامايىش قىلماقتا، 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي. (AFP)

ئەركىن ئاسىيا رادىيۇسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايغا يىقىن يەردىكى ساقچى پونكىتىغا تېلېفۇن قىلىپ، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرغا ئىرىشكەن.

«توققۇز كىشى كۆيۈپ ئۆلدى، ئوندىن ئارتۇق كىشى ئىس-تۈتەكتىن بوغۇلۇپ قازا قىلدى، جەمئىي يىگىرمە ئالتە كىشى قازا قىلدى» دېدى، ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولى ساقچى پونكىتىدىكى بىر ساقچى.

«قازا قىلغانلارنىڭ سانى قىرىق نەپەردىن ئارتۇق» - دېدى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شىنخۇا يولى ساقچى پونكىتىدىكى بىر ساقچى - «دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىگىنى ئاڭلىدىم. قازا قىلغانلارنى ساناشقا ۋاقتىمىز يوق بولدى.»

« كومپارتىيەنى يوقىتايلى!»

گوللاندىيە كۈندىلىك گېزىتى «تروۋ»نىڭ خىتايدىكى مۇخبىرى ئېۋا راممىلىيو، شاڭخەيدە تۇرۇپ ئۈرۈمچىدە 25-نويابىر كەچتە يۈز بەرگەن نامايىش سىنلىرىنى تىۋىتتېردا يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاممىنىڭ «كومپارتىيىنى يوقىتايلى، شى جىنپىڭنى يوقىتايلى، ئەركىن شىنجاڭ كېرەك!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىلى ھەم كۆرگىلى بولىدۇ.

روممىلىيو ساقچىلارنىڭ ئاممىنى ئىككىگە بۆلۈپ بىر نەچچە كىشىنى قولغا ئالغانلىغىنى يازغان. باشقا سىنلاردا تەشكىللىك ھالدا توۋلانغان شوئارلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىر نامايىشچى «خىتاي كومپارتىيەسى» دەپ توۋلىشى بىلەن، باشقىلار ئۇنىڭغا جاۋابەن ئەگىشىپلا بىردەك «يوقال!» دەپ ۋاقىراشقان.

رويتېرس ئاگىنتىلىقى 25-نويابىر كەچتە مۇشتلىرىنى تۈگۈپ «قامالنى توختات!» دەپ ۋاقىراۋاتقان، ئىنتېرناتسيۇنال مارشى بولغان «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار» دېگەن مىسرالارنى توۋلاۋاتقان بەزى نامايىشچىلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارتىلغانلىغىنى دەلىللىدى.

27-نويابىر شاڭخەيدىكى نامايىشتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بىر ئادەمنى قولغا ئالدى، 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي.
27-نويابىر شاڭخەيدىكى نامايىشتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بىر ئادەمنى قولغا ئالدى، 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي. (AFP)

فرانسىيە بىرلەشمە ئاگىنتلىقىمۇ 25-نويابىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ «قامالنى توختات» دەپ ۋاقىراۋاتقان، شەھەرنىڭ شەرقىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان، ئاق خالات كىيىۋالغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەيىبلەۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى، كوۋىد يۇقۇمىنى قامال قىلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئاھالىلەر ئولتۇراق بىنالىرىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا ئورنىتىلغان رىشاتكىلارنىڭ توسقۇنلۇقىدىن بىناغا يېقىن بارالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنا ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلار كۆپ بولغاچقا، ئوت كەتكەن نۇقتىغا يىقىنلىشالمىغان. شۇ سەۋەبتىن بىناغا تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولغىچە، ئۈچ سائەتكە يىقىن كۆيگەن.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلىشىچە، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر توساقلارنى ئېلىۋەتمەي يىراق يەردىن ئوت كەتكەن بىناغا سۇ چېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق شىلانكا يىگىرمە بىر قەۋەتلىك بىنانىڭ 14- قەۋىتىدىن 19- قەۋىتىگىچە بولغان ئىگىزلىككە يەتمىگەن، چاچقان سۇلارمۇ ئوت كەتكەن نۇقتىغا يەتمىگەن، بۇنىڭ بىلەن بىنانىڭ ئوت كەتكەن قەۋەتلىرى كۆيۈپ كەتكەن.

خىتاينىڭ تېۋىتتېرغا ئوخشىتىپ بازارغا سالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — «ۋىيبو»دا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ كوۋىد-19 سىياسىتىگە قارشى بۇ تۈردىكى نارازىلىق نامايىشلىرى يەنە كورلا شەھىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.

خىتايلار نامايش قىلماقتا

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن قارىغاندا، نامايىشچىلار ئۇيغۇرلار بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايلاردۇر. بۇنىڭ سەۋەبنى مۇنداق چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ بار، يەنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىققا دېيىشىچە، «خىتايلار يۇقۇم قامالىغا قارشى سۆزلىسە، جازالانمايدىغانلىغىنى بىلىشىدىكەن». ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئايال: «ئۇيغۇرلار باشقىچە مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىز ئاشۇنداق سۆزلەرنى دېيشىكە جۈرئەت قىلساق، ئۇلار بىزنى يا تۈرمىگە يا لاگېرغا سولايدۇ» دېدى.

25-نويابىر كەچتە نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇينىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كومپارتىيەنىڭ كوۋىد سىياسىتىگە قارشى چىققانلارغا قاتتىق زەربە بىرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم كونترول قىلىش خىزمىتى مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى، ئىجتىمائىي ئەھۋال ئاساسەن تىزگىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم پۈتۈنلەي دېگۈدەك تىزگىنلىنىپ بولۇنمىدى. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ھالقىسىمۇ پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىنمىدى. خىزمەتلەردىكى كىچىككىنە بىپەرۋالىق، يۇقۇمنى قايتا قوزغايدۇ.»

ساقچىلار يول توساقلىرىنىڭ كەينىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن كوۋىد سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى، كۈزىتىپ تۇرماقتا. 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي.
ساقچىلار يول توساقلىرىنىڭ كەينىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن كوۋىد سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى، كۈزىتىپ تۇرماقتا. 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي. (Reuters)

ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەريانىدا، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىمۇ چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن زۆرۈر. پىتنە تارقىتىدىغان، چاتاق تېرىيدىغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە كونتىرول قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بىرىش، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېلىپ بىرىش كېرەك.»

ئۈچ باسقۇچلۇق بوشىتىش

26-نويابىر ئەتىگەندە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى تۈپەيلى يولغا قويۇلغان ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە قاتتىق قامال سىياسىتىنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ بوشىتىدىغانلىقىنى، يەنى 4 مىليون 700 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ چوڭ شەھەردىكى قامال سىياسىتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ بوشىتىدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي رۇڭ، خەتىرى تۆۋەن رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ بىنا ئۆيلىرىدىن چىقىپ، پەشتاقلاردىن چۈشۈشىگە يول قويۇش بىلەن بۇ بوشىتىلىشنىڭ باشلىنىدىغانلىغىنى ئىيتقان. ھالبۇكى، سۈي رۇڭنىڭ سۆزلىرىدە ئاھالىلەردىن بىنادىن ئايرىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە يەنىلا ئىسپات تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلىشى، ماسكا تاقىشى، توپلىشىپ يىغىلىشتىن ساقلىنىشى كىرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ بىنادىكى بىر ياتاق ئۆينىڭ توك مەنبەسىدىن چىققان چاتاق تۈپەيلى باشلانغانلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن قادىرنىڭ 26-نويابىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتايدا كەم ئۇچرايدىغان بىر شەكىلدە خەلقتىن رەسمىي ئەپۇ سورىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى، شەھەر باشلىقى مەمتىمىن قادىر، ئاھالىلەرنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى باھا يازغۇچىلارنىڭ «ئۈرۈمچىدىكى بۇ پاجىئەنى ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد-19 نى قاتتىق قامال قىلىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېگەن جامائەت پىكرىنى «ئوت كەتكەن بىنانىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانمىغان» دېيىش ئارقىلىق رەت قىلغان.

ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىدا كوۋىد سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، 2022-يىلى 27-نويابىر، بېيجىڭ.
ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىدا كوۋىد سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، 2022-يىلى 27-نويابىر، بېيجىڭ. (Reuters)

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى ۋېنشېڭنىڭ «ئوت كەتكەن بىنا ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان شەخسىي ماشىنىلار، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئوت كەتكەن نۇقتىغا يېقىنلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ كۆرسەتكەن.

نەنجىڭدىكى نامايىش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خىتاي بۆلۈمى شەرقىي خىتايدىكى نەنجىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تارقاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارا قىلغان. ئۇنىڭدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇسىبەتتىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر بار. يەنە بىر سىن كۆرۈنۈشىدە مەكتەپنىڭ مەسئۇل ئ‍ەمەلدارى سىياقىدىكى كاناي كۆتۈرۈۋالغان بىر كىشىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ: «بۈگۈن قىلغان بۇ ئىشىڭلارنىڭ بەدىلىنى تۆلەيسىلەر» دېگىنىدە، بۇ تەھدىتدىن غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا: «سەنمۇ بەدەل تۆلەيسەن، بۇ مەملىكەت ھازىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ» دەپ ۋارقىرىغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ راستلىقىنى دەرھال دەلىللىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىن كۆرۈنۈشلىرى شاڭخەيدە ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئاممىۋىي يىغىلىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاۋىغا پىسەنت قىلماسلىق

ئون ئىككى مىليون نوپۇسلۇق (خىتاي ھۆكۈمەت سانىقى) ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىققول باستۇرۇشىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى «ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە زۆرۈر» دەپ ئاتىغان يېقىنقى بىرقانچە يىللىق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن جەريانىدا، ئۇلارنىڭ 1 مىليون 800 مىڭىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم. بۇ يىل يازدا ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستېرلىقىنىڭ سابىق مىنىستېرى جاۋ كېجى 2018-يىلى ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن ئىچكىي قىسىمدىكى نۇتۇقىدا، ئۇيغۇر رايونىدا «مۇستەقىللىق ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن» 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ، «دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن زەھەرلەنگەن» 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. ئامىرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە بەزى غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ب د ت نىڭ كىشىلىق ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالى كومىسسارى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋال ھەققىدە دوكلات ئىلان قىلىپ، ئۇ يەردىكى زۇلۇمنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

باش شىتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەمدە بۇ ئاپەتتە قازا قىلغانلار ھەققىدە بەرگەن ھۆكۈمەت باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يىل ئاۋغۇستتىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار يېمەك-ئىچمەك ۋە تىببىي مۇلازىمەت بولمىغان قىيىن ئەھۋالدا، دائىرىلەرنىڭ بۇ قاتتىق قامال سىياسىتىگە چىداپ كىلىشتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا سەل قارىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاۋىغا پىسەنت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى توشقۇزۇۋەتتى.»

ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، نەنجىڭ تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتىدا كوۋىد قامالىغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، 2022-يىلى 27-نويابىر، نەنجىڭ.
ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، نەنجىڭ تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتىدا كوۋىد قامالىغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، 2022-يىلى 27-نويابىر، نەنجىڭ. (Reuters)

ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ كىشى بار بولۇپ، ئۇلار قەمەرنىساخان ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نەھدىيە بىلەن ئىمرانلار ئىكەن. باياناتتا دېيىلىشىچە، بالىلارنىڭ دادىسى ئېلى مەمەتنىياز بىلەن ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى ئىلياس ئېلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئون ئىككى يىللىق ۋە ئون يىللىق كىسىۋىتىلگەن ئىكەن.

«ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىدەك بۇ قورقۇنچلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر جامائىتى چوڭقۇر ئازابلاندى»- دەيدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا: - «پاكىت شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىدە زىنھار شەپقەت دەيدىغان يوق، يەرلىك دائىرىلەرمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە قۇلاق سالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوت ئۆچۈرۈشكە دەرھال ئاتلانمىغان.»

خىتاينىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن چوڭچىڭ ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرمۇ خۇددى باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئوخشاش جىددىي يامراۋاتقان يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلماقتا. خىتاينىڭ دۆلەتلىك ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى 26-نويابىر كۈنى كېچە سائەت 12:00 گە قەدەر خىتايدا جەمئىي 35183 نەپەر يېڭى كوۋىد يۇقۇمدارىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 25-نويابىر خىتايدا جەمئىي 32943 نەپەر يىڭى يۇقۇمدارنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەرنى پائۇل ئېككارت يازغان

[ئەسكەرتىش: ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدىكى مۆلچەر، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرلىرى بەرگەن ئۇچۇر بىلەن يېڭىلاندى.]