ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بېرلىنغا جەم بولۇپ، «ئۆتمۈشكە قايتىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن

0:00 / 0:00

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئۆتمۈشكە قايتىش» پائالىيىتىگە قاتناشقان.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىدە دەرسكە قاتنىشىۋاتقان ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى 7-ئاپرىلدىن باشلاپ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئۆتمۈشكە قايتىش» پائالىيىتىگە قاتناشقان.

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بىر سورۇنغا جەم قىلىپ، ئۆزئارا تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇ ئىشتىن بالىلارمۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ كۆپ خۇرسەن بولغان. «ئۆتمۈشكە قايتىش» ناملىق بۇ پائالىيەتكە 10 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى 26 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەت 10-ئاپرىلغا قەدەر داۋاملاشقان.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئۆتمۈشكە قايتىش» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۆسمۈرلەر. 2023-يىلى ئاپرېل، گېرمانىيە.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار سەپىرىنىڭ تۇنجى قەدىمىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ، بېرلىننىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، خۇددى بېرلىنغا ئوخشاش نۆۋەتتە ئۇيغۇر قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭمۇ خىتايلار تەرىپىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، گېرمانلار بېرلىننى قايتا قۇرۇپ چىققانغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆز مەدەنىيىتىگە لايىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا ئىھتىياجى بارلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بېرلىندا يەنە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىلار قىرغىن قىلىنغان جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغان. پائالىيەت يېتەكچىلىرى بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرگەن ۋە يەھۇدىلار ئاقىۋەت قەد كۆتۈرگەندەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى قەد كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بېرلىندا خۇمبولدت مۇزېيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مىڭ ئۆي رەسىملىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن.

قازاقىستاندىن كەلگەن رەسسام گۈلناز خانىم بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىجىل-ئىناقلىقىدىن بەك مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئەنگىلىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاتىكەم خانىممۇ بۇ پائالىيەتلرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.