«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تۈركىيەنىڭ دېنىزلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاھىدە تېمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمەيۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىگە چىقىشى تەكىتلەندى.
يىغىننىڭ تونۇلغان تۈركولوگ، پېنسىيەگە چىققان پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن رىياسەتچىلىك قىلغان قىسمىدا خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ خەۋپ ئىكەنلىكى، تۈرك دۇنياسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختاتمىسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ دۇچار بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى مەزكۇر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان «يېڭى ئۇفۇق» ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى بەرقان سۆزەر ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «بۈگۈن بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان، ئىراندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىسى، شىمالىي ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز.»
يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇ مەسىلىگە قارىتا تۈركىيە پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پاسسىپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇلغان بولسىمۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىندى. لېكىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. بۇ مۇھىم. چۈنكى تۈركىيە دېموكراتىيە ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت. ئەگەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئالسا، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات مەركەزلىرى بۇ ھەقتە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ، ئېلان قىلىپ تۇرسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ سۈكۈتىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»

ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئوخشاش بولغان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقلىرىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۈچۈن زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. لېكىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى ئاشخانا ۋە چايخانىلاردا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىگە پەقەتلا رۇخسەت قىلمايدۇ. خىتاي، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»
ھامۇتخان كۆكتۈرك يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى دۆلىتىنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈنمۇ بولسا ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن باشقا يەنە كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋا، ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى›ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹دەپ ئېتىراپ قىلدى. بۇنداق بىر پەيتتە 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە›تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى‹نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. لېكىن مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تېخىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا. تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى خىتاي تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ بىر خەۋپ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەك قىيىن، بىز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتاي بىلەن جەڭ قىلىڭلار دېمەيمىز. ئەمما خىتاي خەۋپىگە قارشى تەدبىر ئېلىشى كېرەك، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللىشىڭلار كېرەك.»

ئارقىدىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان تونۇلغان تۈركولوگىيە پروفېسسورى ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆز ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياشلىرىمىز كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. خۇدايىم بۇيرۇسا مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ.»
24-25-فېۋرال كۈنلىرى ئەتىگەن سائەت 10 دىن كەچ سائەت يەتتىگىچە داۋاملاشقان «تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا تۈركمەنلەرنىڭ ئىراق پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزاسى ئەرشات سالىھى، سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدىكى تۈركلەرنىڭ ۋەكىلى تارىق سۇلو جەۋىزچى ئەپەندى، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ۋەكىلى ئىشق سادىق ئەخمەت خانىم، قىرىم تاتار دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى زافەر قاراتاي ئەپەندى ۋە ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ ۋەكىلى راھىم جاۋادبەيلى قاتارلىق كىشىلەر دوكلات بېرىپ، مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى.

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. يىغىن ئاخىرىدا يېڭى نەشر قىلىنغان 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان ئەسلىمە كىتابىغا قول قويۇپ تارقىتىپ بەردى.
2 كۈن داۋاملاشقان «تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا تونۇلغان پروفېسسورلاردىن ئىسكەندەر ئۆكسۈز، قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن ۋە ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندىلەر باشقا تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەرگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.