خىتاينىڭ «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» غا يوشۇرۇنغان يۇمشاق كۈچى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرى جىددىي سۈرئەتتە تېزلىشىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان مەزگىلدە، «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، شۇنداقلا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «2023-يىللىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ يىغىنى» ۋە «‹شىنجاڭ ياخشى جاي› ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك كەسپىي جەمئىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا بەش دۆلەت ساياھەت كەسپى جەمئىيىتى ھەمدە كارخانىلار ئارا مەسلىھەت بېرىش ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دىققەت قوزغاۋاتقان؛ NATO نىڭ ياپونىيەدىكى يىغىنى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلغان «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» شىئەندە ئاياغلاشقىلى تېخى بىر ئايمۇ بولمىغان بىر مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ھاجېتتېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى، يېقىندا ئاياغلاشقان «شىئەن يىغىنى» نىڭ يوليورۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ھەمدە سودا كېلىشىملىرى تۈزۈلگەن ئىدى. شۇنداقلا يەنە خىتاي ساياھەتچىلىرى خۇسۇسىي ۋە ساياھەت ئۆمەكلىرى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا «مەدەنىيەت ساياھىتى» نى باشلىغان ئىدى.

قازاقىستاندىكى سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە خىتاي ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلىش، يەرلەشتۈرۈش، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيانى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» غا «ھۆكۈمەتسىز، پايدا-مەنپەئەت ئالمايدىغان، رايونلار ئارا قۇرۇلغان غەيرىي-رەسمىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. ھالبۇكى، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى بويىچە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئىتتىپاقنىڭ «ھۆكۈمەتسىز» خاراكتېردىكى ئاممىۋى تەشكىلات ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت روھىنى كۈچلەندۈرۈش، كېڭەيتىش، بىرلەشتۈرۈشتەك بىر قاتار پەردازلانغان «ساياھەت تاكتىكىلىرى» نىڭ بازارغا سېلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ يېقىندا خىتاي پاسپورتى كۆتۈرگەن ساياھەتچىلەرگە ۋىزا رەسمىيىتىنى بىكار قىلىشى، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ سەۋەبتىن بەزى جايلاردا بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىملىق «شىئەن يىغىنى» ئەسناسىدا، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى» گە زەربە بېرىش نۇقتا قىلىنغان بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى، ھەتتا قىرغىزىستاننىڭ «گۇمانلىق كىشىلەر» نى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «شىئەن يىغىنى» دىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى،

دەرۋەقە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىنى «مۇزېي ئىچىگە قاچىلاش»، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناملاردىكى ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر دىيارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىش ۋە «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېپىرلاشقا باشلىغان.