مۇتەخەسسىسلەر: «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە يوق»
2023.07.10
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، ئېكسپورت مىقدارىنى تېز كۆپەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئامېرىكانىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى باشقا غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى خىتاينىڭ ئېكسپورت نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى بىلىنمەكتە.
«بىڭتۇەن تورى» ۋە باشقا كۆپلىگەن خىتاي تاراتقۇلىرى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلئۇش بىڭتۇەنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 18-نۆۋەتلىك قازاقىستان-خىتاي سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئالمۇتادا باشلانغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەرگەن. بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شىنجاڭ» ئۆمىكى قازاقىستان بىلەن جەمئىي 36 مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، توختام قىممىتى 6 مىليارد 410 مىليون يۈەن ئىكەن. مەبلەغ سالغان تۈرلەر بولسا ئېنېرگىيە، ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ساياھىتى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
بۇ كۆرگەزمىگە جەمئىي 3250 قازاقىستان شىركىتى، 300 خىتاي شىركىتى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 73 ى بىڭتۇەنگە تەۋە ئىكەن. بىڭتۇەن، قاتتىق دېتال ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتىلىرى بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا كۈنتاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان «شىنجاڭ شۇرى يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى» ۋە «شىنجاڭ تەڭرىتاغ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى» قاتارلىق شىركەتلەرمۇ قاتناشقان.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا خىتايغا بىر قاتار جازا ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ بىر قىسىم مەھسۇلات ۋە شىركەتلەرگە چەكلىمە (ئېمبارگو) قويغانىدى. ئامېرىكانىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىمۇ قوللىغان شۇنىڭدەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇپ نازارەت ئېلىپ بارماقتا ئىدى. لېكىن، ئىگىلىشىمىزچە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان سودىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويماي ئەركىن سودىنى داۋاملاشتۇرغان. شۇنىڭدەك سودا مىقدارى تېخىمۇ ئاشقان.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى دوكتور شان روبېرت، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئەپسۇس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھېچقايسى بىر دۆلەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى رەسمىي شەكىلدە ئېتىراپ قىلغىنى يوق. ئامېرىكادا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بار، ئۇ خىتايدىن كېلىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قانداق مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ياكى زاپچاسلارنىڭ، ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سىز بىلىسىز، ئەمەلىيەتتە دېمەكچىمەنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئۇلار ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلمىدى».
ئامېرىكانىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك، ئاياغ كىيىم كارخانىلىرىغا زەربە بەرگەن. ئىگىلىشىمىزچە قىرغىزىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان كىيىم-كېچەك، ئاياغ كىيىم ۋە رەختلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرىدىكى ماللارنىڭ مىقدارى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىياسەتشۇناش رەھىمجان ھاپىزوف بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان بارلىق ماللارغا ھېچقانداق چەكلىمە يوقلۇقىنى ۋە سودىنىڭ يىلدىن يىلغا تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سودىدا خىتايغا تايىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن %22 ى خىتايغا، ئىمپورتىنىڭ %37 ى خىتايدىن قىلىنىدىكەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان سودىغا بەكلا بېقىنىپ قالغان. بولۇپمۇ ئاخىرقى يىللاردا سودا مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئاشقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ 2022-يىلىدىكى ئومۇمىي سودا مىقدارى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2021-يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنگەنىدى. ئەپسۇس، مۇتەخەسسىسلەردىن ئىگىلىشىمىزچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقئارا قانۇن ۋە ئامېرىكادا يولغا قويۇلغان قانۇن ۋە ئۆلچەملەرنى دىققەتكە ئالماي، خىتاي بىلەن تىجارىتىنى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلدۇرغان.
قازاقىستانلىق قانۇنشۇناس پروفېسسور شايىمەردان شەرىپوف رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ماللارغا قانۇنى جەھەتتىن ھېچبىر چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى دېدى. ئۆزىنىڭ ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇش ئېھتىمال بار دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ماللارنى تەكشۈرۈپ كونترول قىلمىغاچقا بۇ توغرۇلۇق ئېنىق ۋە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىش قىيىن ئىكەن.
دوكتور شان روبېرتس ئەپەندى سۆزىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتايغا تايىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار ئىكەن.
ئۇ ئۆز باھاسىنى مۇنداق ئىزاھلىدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار. بىلەمسىز، ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسىتى ياكى سودا سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى كۆرۈپ يېتىش ۋە ئېتىراپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھەمدە ئۇلار بىر ئاز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى ناتايىن. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا زور سىياسىي جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولمىسا، مۇمكىن ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا باغلىق. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئالدىنقى ئايدا، شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي باشلىقلىرى يىغىنىدا، نۇرغۇن سودا كېلىشىمى ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە پات يېقىندا ئۆزگىرىش بولۇشى ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك».
رەھىمجان ھاپىزوفنىڭ جەزم قىلىشىچە، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىگە قاتناشقان 300 خىتاي شىركىتىنىڭ بەزىلىرى، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىڭتۇەنگە تەۋە 73 شىركەتنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى، پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقىلار ئاللىبۇرۇن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغانىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودا ئۇيغۇر ئېلى تاشقى سودىسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 100 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان.