قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۆزئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق توغرىلىق مۇھىم كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنىلا كۆپلىگەن پىكىر ئىخىتىلاپلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، بۇ ئىختىلاپلار مەزكۇر رايونغا ئالاقىدار ئىچىكىي-تاشقىي سەۋەبلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ھەرقايسىي تەرەپلەر مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى مۇلاھىزىچىلەر بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئىكەن. بۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ئىچكىي زىددىيەتلەر سەۋەب بولغان. ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىشلار بولغان بولۇپ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. 20- ۋە 21 ئىيۇل ئارىلىقىدا قىرغىزىستاننىڭ چولپونئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەممەسلىھەت ئۇچرىشىشىغا تاجىكىستان بىلەن تۈركمەنىستان ۋەكىللىرى بىر كۈن كېچىكىپ كەلگەن، ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىچكىي تەييارلىق ئىشلىرىنىڭ تېخى ئۈلگۈرۈپ بولالمىغانلىقى بىلەن چۈشەندۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۆزئارا ئىچكىي چېگرا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئانالىزچىلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدەك سۇ مەنبەلىرىنى ھەمكارلىشىپ پايدىلىنىش، قوشنا ئەل ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە رادىكال كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇلار يەنە بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇلار يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكىي مەسىلىلىرىنى ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ، يەنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قاتنىشىشىسىز ھەل قىلىشقا كېلىشكەن.
ئۇنداقتا، بۇ ھەقتە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مۇلاھىزىچىلەر نېمە دەيدۇ؟
«ئازادلىق» رادىيوسىدا قۇئانىشبېك كارىنىڭ بۇ ھەقتە «قارشىلار ئۇچرىشىشى: مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى لىدېرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى قانداق ئۆتتى؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئۇچرىشىشقا بىر كۈن كېچىكىپ كېلىپ، كېلىشىمگە قول قويمىغانلىقى باشقىلار ئۈچۈن قاراڭغۇ پېتى قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئۇچرىشىشتا ئافغانىستان مەسىلىسىدىمۇ بىر بىرىگە ئوخشىمىغان پوزىتسىيەلەر ئاشكارىلانغان. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى ئافغانىستاننى ئۆزلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر مەملىكەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
قىرغىزىستاننىڭ «24» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «مەركىزىي ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشتا نېمىلەر ھەققىدە كېلىشىلدى (ۋە كېلىشىلمىدى)؟» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىر نەچچە مەرتەم ئېيتقان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۇنتۇمىغان.
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئېركىن بايداروف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ھۆججەت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلگەن ئىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھۆججەت مۇلاھىزىچىلەردە ھەر خىل تەخمىنلەرنى پەيدا قىلغان. ئۇلار تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ بۇ كېلىشىمگە قول قويمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى سىياسەتشۇناس ئېركىن بايداروف مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بۇ ھەم تاجىكىستان ھەم تۈركمەنىستاننىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتىگە باغلىق بولغان. مەسىلەن، تاجىكىستان-قىرغىزىستان چېگرا توقۇنۇشى؛ تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە كۆرە تۇتقان پوزىتسىياسى؛ شۇنداقلا تالىبانلار ھەرىكىتى بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈش ۋە ھەمكارلىشىشتىن باش تارتىشى. تۈركمەنىستان ئىلگىرى بىتەرەپلىك يولىنى تاللىۋالغانلىقتىن، ھازىر ھەر قانداق بىر بىرلىشىش ئىدىيەسىگە قوشۇلۇشقا تەييار ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى توغرىلىق سۆز قىلىش ھازىرچە بالدۇر. شۇنداقتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقى يۆنىلىشىدە كونكىرېت ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلىشىمىز كېرەك.»
ئېركىن بايداروف ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بىرلىشىش ئىدىيەسىگە قارىتا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىگە ئېھتىيات بىلەن قاراش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر پۈتۈن بولۇشى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. مەسىلەن، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېفنىڭ نۆۋەتتىكى مەسلىھەت يىغىنىغا قوشنا، يەنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى چاقىرىش زۆرۈر دەپ ئېيتقان سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. بۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قوشنىسىنىڭ ‹مەسلىھەت سۆزى› دەپ قوبۇل قىلىش كېرەك. مۇبادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە تۆتىنچى قېتىملىق مەسلىھەت يىغىنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئۇچرىشىشلىرىدا قوبۇل قىلغان ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمايلا ئىشىنى تاماملىدى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمدى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ئانچىمۇ خەتەرلىك ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن. خىتاي ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ بىر پۈتۈن رايون سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈشكە تەييار. مەسىلەن، بۇنى مۇشۇ يىلى ‹ئوتتۇرا ئاسىيا+خىتاي› يا بولمىسا ‹خىتاي+ئوتتۇرا ئاسىيا› شەكلىدە ئۆتكەن ئۇچرىشىشلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.»
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بىر ئىتتىپاق شەكلىدە بىرىكىشىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆتكەنكى يىللاردىكى ئۇچرىشىشلاردا بۇ ساھە بويىچە ھۆججەتلەر ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلار تۈپەيلى ئۇلارنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى پەيتتە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەگە قارىتا قوللىنىۋاتقان ئېمبارگولىرى مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ سودا ئىقتىسادىي ساھەلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىن تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان بىرىنچى نۆۋەتتە تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ دۆلەتلەر رۇسىيە بىلەن يېقىن ئالاقىدە. مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ پىلانىغا توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت ھەر دائىم مەركىزىي ئاسىيادا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا ساھەلىرى بويىچە پىلانلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ۋە ئۇنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كېلەچەكتە تەرەققىي قىلغان، كۈچلۈك، مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرى بولۇشى ئۈچۈن بىرىنچى نۆۋەتتە بىر ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزئارا ئىقتىسادىي، سودا، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يول يوق.»
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش مەملىكەت مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئارىدىن ئوتتۇز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدا ھېلىھەم بەزىبىر كېلىشەەلمەسلىكلەر ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دوستلۇق كېلىشىمىدىن باش تارتىشى، باشقىلارنى بىئارام قىلغان. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ شەكىلدىكى كېلىشەلمەسلىكلەرنىڭ كېلەچەكتە يەنە كۆرۈلۈش-كۆرۈلمەسلىكى، كېلەر يىلى تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى مەسلىھەت يىغىنىدا مەلۇم بولىدىكەن.
