زامانىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي دىپلوماتىيەسى: LADA دىن BYD غىچە

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاي ئۈچۈن تارىخىي كېڭەيمىچىلىك نىشانلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىيە 751-يىلىدىكى «تالاس ئۇرۇشى» دىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سىقىپ چىقىرىلغان خىتاي دۆلىتى 1884-يىلى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىگە رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ» نامىنى قويۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغانلىقى مەلۇم. زامانىمىزغا كەلگەندە بۇ خىل كېڭەيمىچىلىك بىۋاسىتە ھالدىكى ھەربىي بويسۇندۇرۇش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىستىلا شەكلىدە ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ سايىسىدىكى «ھەمكارلىق»

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان تاشقى مۇناسىۋەت خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ، 2024-يىلى ئىيۇلدا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە چاقىرىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» مۇنبىرى بۇنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش» نىڭ باش تېما بولۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمىشقا بۇنچىۋالا مۇھىم بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنداقلا خىتاينىڭ «21-ئەسىردىكى قايتا گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى» دەپ قارىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىدا بۇ رايوننىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتتى.

بۇ ھال ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى 9-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئادىنا ماسالبېكوۋا (Adina Masalbekova) ئىمزاسىدىكى دوكلاتتىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن تېخىمۇ قويۇقلاشقان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تۈركىي تىللىق بىرنەچچە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى تەبىئىي يوسۇندا خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ماكان بولۇپ قېلىشىدىن مۇتلەق ساقلىنىشنى كۆزلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قاتتىق باستۇرۇشنى يولغا قويغان. نەتىجىدە بۇ ھال 2021-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان.

خىتاينى مەركەز قىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇش ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سىڭىپ كىرىش ئىستراتېگىيەسى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئادىنا ماسالبېكوۋا مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «خىتاي ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى شۇ دەرىجىدە ئۈنۈملۈك ئۈندەككە كەلتۈرۈپ بولغانكى، ئۇلار ھېچقاچان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مۇئامىلە مەسىلىسىدە خىتايغا قىلچىلىكمۇ سوئال قويماس بولۇپ بولدى» دەيدۇ.

بۇ مەسىلە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئېلىزابېت ۋىشنىك (Elizabeth A. Wishnick) ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىل «ھەمكارلىق» تىن نەپ ئېلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ھەمكارلىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى:

«مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەسىدە ئوخشىمىغان قاتلاملار مەۋجۇت. بۇنىڭ بىرى شىنجاڭ مەسىلىسى. چۈنكى بۇ رايوننىڭ مۇقىم بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭمۇ تىنچ بولۇشى خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. يەنە كېلىپ شىنجاڭ رايونى ھازىر خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى، ئىستراتېگىيەلىك مىنېرال ماددىلار ۋە بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان بىر ماكان. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي نوپۇسىنى زور ساندا يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق بۇ جايدىكى سانائەت بازىسىنى خىتايلار مۇتلەق ئىدارە قىلىدىغان ساھەگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئۆزلىرىگە لازىملىق ئىقتىسادىي لوقمىنى خىتايدىن ئېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە موھتاج.»

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېتەكچى تاشقى كۈچ كىم؟

چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند ۋە بۇخارا خانلىقلىرىنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ 1991-يىلىغا قەدەر بولغان بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆز تەسىرىنى غايەت زور دەرىجىدە سىڭدۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ خىلدىكى رۇس بېقىندىلىقىدىن خالاس بولغانغا 30 يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ھەممىلا ساھەدە كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ھالبۇكى، رۇسىيە تەسىرى تېخىچە شۇنچە كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۈچۈن نۆۋەتتە ھەممىدىنمۇ بەكرەك زۆرۈر بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى تەمىن ئەتكۈچى خىتاي بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن «LADA» ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى نۆۋەتتە خىتاي زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان ئېلېكتىر قۇۋۋەتلىك «BYD» ماشىنىسىنىڭ ئىگىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بولۇپ قالغان. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كارنىگ (Carnegie) فوندى قارمىقىدىكى ياۋرو-ئاسىيا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى تېمۇر ئۆمەروۋ (Temur Umarov) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خۇددى خىتايغا ئوخشاشلا بۇ خىل دىپلوماتىك ئالاقىدىن ئۆزىگە يارىشا مەنپەئەت قازىنىشنى ئويلاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى بولۇپ قالغان. 2023-يىلىنىڭ ئۆزىدە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ سودا ئومۇمىي مىقدارى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئوخشاش مەزگىلدىكى سودا ئالاقىسى 42 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققان، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن رۇسىيەگە قارشى ئېلان قىلىنغان بىر قاتار جازا تەدبىرلىرى ئۆز كۈچنى كۆرسىتىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن. يەنە كېلىپ تاشقى دۇنيا بلەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش يولى بولمىغان، ئىچكى ئاسىيادىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى تۈپەيلىدىن ھەممىلا تەرىپى باشقا دۆلەتلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن «زور كۈچلەر ئارىسىدىن تەرەپ تۇتۇش» ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىش ھەمدە رۇسىيە، خىتاي ۋە غەرب دۇنياسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن نۆۋەت بىلەن «دوست» تۇتۇش ئاساسلىق يول بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچكىممۇ «مەڭگۈلۈك دوست» ياكى «مەڭگۈلۈك رەقىب» سانالمايدۇ.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرى ئېشىپ مېڭىۋاتقاندا، خىتاينى تەدرىجىي ھالدا رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېتەكچى كۈچ بولۇشتەك ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىدى، دەپ قاراش بىر تۈرلۈك پىكىر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ «بىز ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا زومىگەرلىك قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېيىشى ماھىيەتتە رۇسىيە تەسىرىنى چەكلەش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى دەپمۇ قارالماقتا. ئەمما ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ۋىلسون مەركىزىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى برادلېي جاردىن (Bradley Jardine) نىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا رۇسىيە يەنىلا خىتايدىن كۆپ بىخەتەر تاشقى يېتەكچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

«خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، رۇسىيە يېقىن كەلگۈسىدە ھېچقاچان ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشقا جايغا كەتمەيدۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق خىتاي بۇ رايوندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي ئارتىس بولۇپ قالدى. گەرچە ھازىر رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنى بوش قالغاندەك ھەمدە بۇنى باشقا بىر كۈچ تولدۇرىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە رۇسىيە يەنىلا بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى كېپىللىككە ئىگە قىلغۇچى ئەڭ ئىشەنچلىك تاشقى كۈچ. قارايدىغان بولساق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىچكى مالىمانچىلىقنى جىمىقتۇرۇشتا خىتاي ئەمەس، ئەكسىچە رۇسىيە مۇھىم ۋە ئاكتىپ روللارنى ئويناپ كەلدى. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئاساسەن رۇسىيە تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا پەقەت بىخەتەرلىكنى قوغداش ساھەسىدىلا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.»

ھاكىممۇتلەقلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنىشى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىدا ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكتىن باشقا يەنە ئۇلار زور مىقداردا ئېكسپورت قىلىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىك ئاساسىدىكى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىمۇ مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىكنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى 2007-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەيلى كۆلەم ياكى قېتىم سانى جەھەتتىن بولسۇن بىردەك ئېشىپ ماڭغان. بولۇپمۇ خىتاي زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان رەقەملىك نازارەت مېخانىزمى ئاساسىدىكى «ئەقلىي شەھەر قۇرۇلۇشى» ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان ئېكسپورتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايوننىڭ سىياسىي جەھەتتىن خىتايغا پايدىلىق دەرىجىدە مۇقىم بولۇشى زۆرۈر بولۇشقا باشلىغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى تۈپەيلىدىن ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىق بولۇپ قالىدىغان ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاينىڭ بىردىنبىر ئۆتەر يولى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ رايوننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىنمۇ بەكرەك خىتايغا زۆرۈر.

مانا مۇشۇ خىل كۆپ قىرلىق ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئۆتكەن 30 نەچچە يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇللىرىنى «تاشقى ياردەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى» دېگەن نامدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كېڭەيتىپ كەلگەن. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن «رەقەملىك نازارەت» ساھەسى بويىچە «ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش» نەچچە مىڭ خادىمنى «تەربىيەلەش» تىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتۇرغان. ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھاكممۇتلەقلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇملىشىشىدىكى ئاۋانگارت كۈچلەردىن بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پىروفېسسور ئېلزابېت بۇنىڭدىكى بەزى «تۇغما» ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇنى ئېكسپورت قىلىشى ھاجەت ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئەسلىدىنلا بۇ جايدا مەۋجۇت. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ھاكىممۇتلەقلىك تۈزۈمى بۇرۇندىنلا ئۇلارغا سوۋېت دەۋرىدىن مىراس قالغان. ھازىر خىتاينىڭ بۇ جايغا ئېكسپورت قىلىۋاتقىنى رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىك بولۇپ، ئۇلار بۇنى رەقەملىك ‹يىپەك يولى› ئارقىلىق كېڭەيتىۋاتىدۇ. شۇ قاتاردا چىراي تونۇش تېخنىكىسى، رەقەملىك نازارەت سىستېمىسى دېگەنلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاتورلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. دەرۋەقە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دىكتاتورلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا موھتاج. يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ بۇ خىل رەقەملىك ھاكممۇتلەقلىك قوراللىرىنى ئېكسپورت قىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز پايدىسىغا ئىشلىتىشكە، جۈملىدىن شىنجاڭنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋاسىتە قىلىشنى كۆزلىگەن.»

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇشۇ خىل مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسى بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىشىدىكى پىشاڭلىق رولىنى ئوينىغۇچى ئامىل، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.