ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتايغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
2024.12.09
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان ئارقىلىق زىياننى تولدۇرماقچى بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
4-دېكابىر كۈنىدىكى «تۇنجى يازما» ۋە «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، غەربنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىنى تۇتقان. ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازالىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان ئارقىلىق زىياننى تولدۇرۇش كويىدا بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستانغا بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتكەن.
ئۇنداقتا ئىقتىسادىنى كاساتچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان خىتايغا پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قانداق ياردەم قىلىدۇ؟ ئامېرىكانىڭ ئېغىر جازاسىدىن قېچىپ يۈرگەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان ئارقىلىق زىياننى تولدۇرۇش تەدبىرى قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يولغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى ئوڭۇشلۇق داۋاملىشالامدۇ؟
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رايموند كو بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىش كېرەك. خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە توختالغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. پاكىستانغا كەلسەك، ئۇ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) نىڭ بىر قىسمى. بۇ، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ جازادىن قېچىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى نىقابلاش. يەنى، مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ پاكىستان ئارقىلىق يۆتكەش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ئۆزگەرتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان. مەسىلەن، مەھسۇلاتلارنى ‹پاكىستاندا ياسالغان› دەپ بەلگە قويۇش ئارقىلىق، خىتاي ئۇنى دۇچ كېلىدىغان تەكشۈرۈشنى ئازايتىشقا مايىللاشتۇرىدۇ. بۇ جازالاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى رايوننى خىتاي تاۋارلىرىنىڭ يېرىم ۋە تەييار مەھسۇلات بازىرى قىلىپ ئىشلىتىشتۇر. چۈنكى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى رەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ رايونلاردا ئۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق سېتىلىشىنى قوشۇمچە بازار بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.»
ماقالىدە، خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ۋە چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەدبىر قوللىنىشى ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش يولىنى ئاچسا، يەنە بىر تەرەپتىن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇش پىلانىنى مۇستەھكەملەش رولىنى ئوينايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىغا ئۇچراۋاتقان خىتاي ئۈچۈن نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان گىئو-سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن.
تۈركىيەدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىزچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆز قارىشىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى، ماھىيەتتە خىتاينىڭ خەلقئارالىق جازالارنى بۇزۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى تاشقى دۇنياغا چىقىرىشىغا شېرىك بولۇش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى لى لىفەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان بىلەن بولغان بۇ سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ دەرھال كېڭەيمەيدىغانلىقىنى، دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمىغاچقا، «مەزكۇر تاشقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى بەكمۇ تېز ئىلگىرىلەيدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكتور رايموند كونىڭ قارىشىچىمۇ، دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىش ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر بايان قىلىش قىيىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛ «تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى قەرز بېرىش مىقدارىنى كېمەيتتى. بۇ 2017 ياكى 2018 يىللىرى ئەتراپىدا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. پېتېرسون ئىنستىتۇتىنىڭ 2022-يىلى ئۆكتەبىردىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى مەبلىغىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمى يوقالغان بولۇپ، بۇ، توختامنىڭ بۇزۇلۇش نىسبىتىنىڭ %25 كە يېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ. خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەزەلدىن نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. شۇڭا، مېنىڭچە ئاقسارايدا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قۇرۇلۇش پىلانى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلاردا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي تاۋارلىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بازار بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىققان. ئەلۋەتتە، بۇ يول خىتاينىڭ بەزى جازادىن قېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قەرز ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ قىممىتىگە باغلىق. ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ يوللۇق ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. »
دەرۋەقە، ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ قوللىنىدىغان تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىش مەسىلىسىمۇ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئاللىبۇرۇن ئاقساپ قالغان. ئۇ ترامپ باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئىش باشلىغاندىن كېيىنكى بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى ۋە تەرەققىيات ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
تەتقىقاتچى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى ھەيۋىسىنى ساقلاپ قالالمىغان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى، ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ 2018-يىلى باشلىغان «سودا ئۇرۇشى» نى داۋاملاشتۇرسا، قاتتىق تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نويابىردا ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، خىتاينىڭ 29 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىدىن ئىبارەت ھازىرغا قەدەر خىتايغا يولغا قويۇلغان ئەڭ چوڭ جازا تەدبىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى داۋاملىق كۈچەيتكەن. ئىگىلىنىشىچە، 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېكسپورت كونترولى تەدبىرى خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى 140 شىركىتىگە ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەدبىر ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىگە چەكلىمە قويۇش مەقسىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇشنى نىشان قىلغان ئەڭ زور كۆلەملىك چەكلەش تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.