ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غالىبىيەت كۈنى

0:00 / 0:00

0:00 / 0:00

1945-يىلى 8-ماي كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كارلسخورست مەھەللىسىدە ئامېرىكا، سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرىپىدىن فاشىست گېرمانىيەسى ۋە ئۇنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى شەرتسىز تەسلىم قىلىش ھۆججىتى ئىمزالانغانىدى.

سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھەر يىلىنىڭ 9-ماي كۈنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنگەنىدى. سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىن پارچىلىنىپ مۇستەقىل بولغان مەملىكەتلەردە بۈگۈنگە قەدەر بۇ كۈن بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە، شۇ جۈملىدىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.

رۇسىيەنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، «ئىزلىرىمىز» تور بېتىنىڭ مۇھەررىرى ھەمراجان ئامراق ئەپەندى، رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رۇسىيەدە غالىبىيەت كۈنىگە بېغىشلانغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنى، يەنى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن بولغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ ھەسسە قوشقانلىقى، ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتكە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى، بىراق رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر دائىم ئەسلىرىدە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار غالىبىيەت كۈنىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تور بەتلىرىدە يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتتى. قازاقىستاندىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تور سەھىپىلىرىدە ۋىدېيو ۋە رەسىملەرنى تارقىتىپ قىرغىزىستاندىكى كۆپ ئۇيغۇرلار بۇ چەمبىرەككە ئاۋاز قوشتى.

توردا تارقىتىلغان ۋىدېيوسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىستلىق سىياسىتى، لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش مەسىلىسى ئەسكەرتىلدى. مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ھازىر خۇددى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېر فاشىزمىنىڭ ناتسىستلار لاگېرلىرىغا ئوخشاش لاگېرلارغا سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ خىتاينى ئەيىبلىگەنىدى.

9-ماي كۈنى فاشىزم مەغلۇپ بولغان كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ. مەلۇمكى رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى فاشىزمنى يوقاتقان دۆلەت قارايدۇ. ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن رۇسىيە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشقان بۈگۈنكى بۇ خىل فاشىستلىق سىياسەتكە سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ بۇ سوئال ھەققىدە قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى پاراللېللىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە رۇسىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يەنە فاشىست گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلار جاسارەت كۆرسىتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇلارغا ھەيكەللەر ئورنىتىلغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا سۆھبەت داۋامىدا قەھرىمان ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى سىياسىتى توغرىسىدا سۆزلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خۇلاسىسىدا قەھرىمان غوجامبەردى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە پاجىئەلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

9-ماي كۈنى قىرغىزىستاندىكى كەڭ بۇلۇڭ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلار، شۇ يېزىدا ياشاۋاتقان 94-ياشلىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى جەڭچىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمانوفنى زىيارەت قىلىشتى. كەڭ بۇلۇڭ ئۇيغۇر ياشلار كومىتېتىنىڭ باشچىسى شېرزات ئىماموف رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، غەلبىيەت كۈنىدە، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھايات قالغان جەڭچىلىرىنى تەبرىكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«9-ماي كۈنى بىز سىنىپداشلىرىمىز بىلەن ئۇلۇغ كىشىنى زىيارەت قىلىشقا كېلىشتۇق. بۇ ئۇلۇغ كىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانىدى. شۇ كۈنلەردە بىز ئۇنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىر ھال-سالامەتلىكىنى بىلىش ئۈچۈن باردۇق. بىز بۈگۈنكى ياشلار، ئۆز تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى بىلىشكە ئىرادىمىز بار، بىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان پاجىيەلەردىن خەۋىرىمىز بار، ئەلۋەتتە بىز قايغۇرۇۋاتىمىز. شۇ بىز زىيارەت قىلغان غازى بوۋىمىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمىز، ئەپسۇسكى غازى-قەھرىمانلارنى كۆرۈپ قالىدىغان بىز ئاخىرقى ئاۋلاد بولۇپ قالىمىز ئىكەن».

بىشكەك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق «تەڭرى تاغ سادالىرى» رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى نىلۈفەر ھاشىموۋا رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان بوۋىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، غەلبىيەت كۈنى چوڭ بىر بايرام بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى تولۇق تەبرىكلىمەيدىغانلىغىنى بايان قىلدى.

ھەر يىلى، 9-ماي كۈنى قىرغىزىستان رۇسىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ «ئۆلمەس پولك» ناملىق نامايىشقا ئالتە يىلدىن بۇيان قاتنىشىپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆتكەل يىللىرى بۇ نامايىشقا قاتنىشىپ ئۇيغۇر جەڭچىلەردىن سۈلھى لۇتپۇللايېف، داداش باباجانوف، مەسىم ياقۇپوف ۋە شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا ئوردېن-مېداللارغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق كىشىلەردىن ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ۋە باشقا قەھرىمانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقانىدى. كورونا ۋىرۇسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 9-ماي غالىبىيەت بايرىمى كۈنى بويىچە ئاممىۋى تەبرىكلەشلەر ئۆتكۈزمىگەن.