مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى كورونا ۋىرۇسىغا قانداق قارشى تۇرۇۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى چارىلەرنىڭ قوللىنىشى داۋام قىلماقتىكەن.

«قىرغىزىستان 24» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى. داستان بېكېشېفمۇ سايلامنى كېيىنگە قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى داستان بېكېشېف قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ نۆۋەتتىن تاشقىرى مەجلىسىنى چاقىرىپ، تېز ئارىدا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى قاتتىق چارىلەر كۆرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ كورونا ۋىرۇسى ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن يۇقىرى كېڭەش سايلىمىنى كېيىنگە قالدۇرۇشنى، سايلامغا ئاجرىتىلماقچى بولغان مىليارد سومغا يېقىن خىراجەتنى سالامەتلىكنى ساقلاش ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەرگە ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، ھازىر قىرغىزىستاندا 44 ئادەمنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بىر نەچچە شەھەر ۋە ئوبلاستلاردا پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋە ھەربىي ھالەت سائىتى ئېلان قىلىنغانىكەن.

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردۇقۇلوفنىڭ پىكرىچە، كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە قىرغىزىستان باشقا مەملىكەتلەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەتتا تەرەققىي ئەتكەن ئەللەردە ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىلمىدى. بىزدىكى سالامەتلىكنى ساقلاشنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن دوختۇرخانىلاردا ئورۇنلارنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندىكى بىردىن-بىر دۇرۇس يول بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشى. پايتەختنىڭ ئاساسىي كوچىلىرى يېپىلىپ، پەقەت ئاساسىي مەھسۇلاتلارنى يەتكۈزىدىغان ترانسپورتلار ماڭىدىغان بولدى. لېكىن بۇ يەردىمۇ مەسىلە بار. قىرغىزىستاننىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادىنى ئالىدىغان بولساق، بىزدە ياۋروپا ئەللىرى، ياپونىيە، كورېيەگە ئوخشاش ئىقتىسادنى خەۋپسىزلەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق. قىرغىزىستاندىكى كىرىم كۆپرەك يوشۇرۇن، يەنى ھەر خىل ئەتكەسچىلىك يوللىرى بىلەن ماڭىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە تىجارەتچىلەرنىڭ ياردەم كۈچى مەۋجۇت بولسا، بىزدە ئۇنداق ئەمەس. بۇ يەردە بىردىن-بىر بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز قەرزلەرنى تۆلەش قەرەلىنى يەنە ئۈچ ئايغا ئۇزارتتى. ياردەم بېرىش كۈتۈلمەيۋاتىدۇ، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئاجرىتىدىغان خىراجىتى يېتەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلقئارا پۇل فوندى مەملىكەتكە ياردەم سۈپىتىدە بەزى يېنىك شەكىلدە قەرز بەردى. بۇ خىراجەت ئاھالىنىڭ پېنسىيەسىنى ۋە ياردەم پۇللىرىنى تۆلەشكە سەرپ قىلىنىدۇ.»

رۇسىيەنىڭ «روسبالت» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئۆزبېكىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم بولدى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نامەنگەن شەھىرىدە ئىلگىرى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 72 ياشلىق ئايال كىشى ۋاپات بولغان. ھازىر ئۇنىڭ باشقىمۇ كېسەللەر بىلەن ئاغرىغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە. ماقالىدە بارلىقى بولۇپ 83 ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېيتىلغان.

رۇسىيەنىڭ «يېڭىلىقلار» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېكىستاندا كورونا ۋىرۇسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ھالەتنى 90 ئادەم بۇزدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەتنى بۇزغان 90 ئادەمنىڭ ئۈچى جىنايى جاۋابكارلىققا، قالغىنى مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىلغان. ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى 16-مارتتىن 30-ئاپرېلغىچە باشقا مەملىكەتلەر بىلەن قاتناش ئالاقىلىرىنى توختاتقان، ئەمدى باشقا مەملىكەتلەردە قالغان پۇقرالىرىنى ئەلگە يەتكۈزۈش بويىچىمۇ چارىلەر كۆرۈلمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوف ئەپەندى ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەتنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «كورونا ۋىرۇسى ئاغرىقىغا قارشى كۆپ چارىلەر كۆرۈلسىمۇ، ئۇنى توختىتىشنىڭ ھازىرچە جاۋابى بولمايۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى بۇ ئاغرىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. پرېزىدېنتىمىز بىر ئايلىق پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلدى. پۇقرالارنىڭ ئۆز جايىدا بولغىنى ياخشى. ۋىلايەتلەر ئارقىلىق ئالاقىلەرمۇ توختىتىلدى. پرېزىدېنتىمىز يېڭى قارار چىقاردى. ئون-ئون بەش كۈن ئىچىدە دوختۇرخانا سېلىش قارارى ئېلان قىلىندى».

«ئازادلىق» رادىيوسى 24-مارتتا ئېلان قىلغان پارۋىز موللوداجانوفنىڭ «تاجىكىستانغا كورونا ۋىرۇسى كېلەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، بەزى ئانالىزچىلار تاجىكىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ ئېنىقلانمىغانلىقىنى ھەمدە مەملىكەتكە كىرىش يوللىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېپىلغانلىقىنى، تاجىكىستاننىڭ يېپىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر گۇرۇپپا ئانالىزچىلار باشقا تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتىكەن. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، مۇبادا كورونا ۋىرۇسى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسا، بۇ ۋىرۇس يوق دېگەننى بىلدۈرمەيدىكەن. ئۇلار كورونا ۋىرۇسىنى ئېنىقلايدىغان ئەسۋابنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، كورونا ۋىرۇسى بەلگىلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتىكى زۇكام دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئانالىزچىلار شۇنداقلا كۆپلىگەن چەتئەللىك يولۇچىلارنىڭ 20-مارتقىچە ئەلگە كىرىپ بولغانلىقىنى، تاجىكىستاننى يېپىق مەملىكەت دەپ ھېسابلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى كۆپلىگەن تاجىكىستانلىقلارنىڭ بولۇپمۇ رۇسىيەدە ئەمگەك قىلىپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا رۇسىيە پاسپورتلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەركىزىي ئاسىيادىكى يېپىق مەملىكەت ھېسابلانغان تۈركمەنىستان دائىرىلىرىمۇ يېقىنغىچە بۇ ئەلدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنىكەن. «ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «مەنبە: كورونا ۋىرۇسى ئەزەربەيجاندىن تۈركمەنىستانغا كېمە بىلەن كەلگەن 10 يولۇچىدا ئېنىقلاندى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-مارت كۈنى بۇ دۆلەتتە بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركمەنىستاندا بىر نەچچە ئادەم يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئۆسمەكتىكەن. ئەمما تۈركمەنىستان ئەمەلدارلىرى، شۇ جۈملىدىن ساقلىقنى ساقلاش ۋە تېببىي سانائەت مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەر ئارىسىدا كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشقا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا ھەم باشقا مەملىكەتلەردىكى پۇقرالىرىنىڭ تۈركمەنىستانغا قايتىپ كېلىشىگە مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.

مەركىزىي ئاسىيادا ھازىرغىچە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بويىچە قازاقىستان بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.

«نۇر قازاقىستان» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «30-مارتتىن باشلاپ نۇر-سۇلتان ۋە ئالمۇتادا سانائەت كارخانىلىرىنى توختىتىدۇ» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھەر بىر شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئۆز ئىشىنى توختىتىدىغان سانائەت كارخانىلىرىنى تىزىمىنى يېقىندا ئېلان قىلىدىكەن. بۇ جەھەتتە دۆلەت، ھاكىمىيەت، سالامەتلىكنى ساقلاش ۋە ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە دورا-دەرمەك دۇكانلىرى ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىدۇ.

قازاقىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى سانات قۇشقۇمبايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى چوڭ چارىلەرنىڭ بىرى نۇر-سۇلتان، ئالمۇتا ۋە چىمكەنت شەھەرلىرىدە پەۋقۇلئاددە ھالەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىر ئايغا سوزۇلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ ئاغرىقنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇملانغانلار سانىنى ئازايتىش ھەم ئومۇمەن ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى. شۇنداقلا بۇ ئەلنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا بولغان تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۆزسىز، قازاقىستان ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باغلىق. كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئەل ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت دۆلەت فوندىدىن 4. 4 تىرىليون تەڭگە، يەنى 10 مىليارد دوللار خىراجەت ئاجراتماقتا. قازاقىستان بۇ پۇلنى نېفىت باھاسى يۇقىرى بولغان چاغلاردا يىغقان ئىدى. بۇ فوند ئەنە شۇنداق مەقسەتتە قۇرۇلغان. ھازىر ھۆكۈمەت كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىجارەتنى قوللاش ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىلگەن قەرزلەرنى قايتۇرۇش قەرەلىنى ئۈچ ئايغا سوزدى. چۈنكى ئۇلار كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ چىقىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، يالغۇز ئانىلارغا، مەجرۇھلارغا ۋە باشقىمۇ ئەھۋالى تۆۋەن ئىجتىمائىي قاتلاملارغىمۇ 43 مىڭ تەڭگە مىقدارىدا ياردەم بېرىش قاراپ چىقىلغان. ئەلۋەتتە، بۇ كۆپ ياردەم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قوللاشقا قارىتىلغان ياردەمدۇر.»

«مېتال پروم» بىرلەشمىسىنىڭ باش مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى دولقۇنتاي ئەبدۇخېلىلنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانمۇ ھازىر باشقا مەملىكەتلەرگە ئوخشاش ئېغىر بىر سىناقنى باشتىن كەچۈرمەكتىكەن. ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىجارەتكە ئاجرىتىلماقچى بولغان قەرز ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ۋەدىلەرنى بېرىۋاتىدۇ. بىراق قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنى بىلمەيمىز. بىز ئىشى توختاپ قالغانلارغا ئىش ھەققىنى تولۇق تۆلىدۇق. ئەگەر كېيىنمۇ ئىش توختايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت چىقارغان ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى تۆلەيمىز.»

بۈگۈنگىچە قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 124كە يەتكەن. 16-مارتتىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتتە پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۇقۇملانغانلار ئەڭ كۆپ ئورۇن ئالغان نۇر-سۇلتان ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىدە بىخەتەرلىك چارىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قارار قىلىندى.