ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەكىللىرىنىڭ يۈرەك ساداسى

0:00 / 0:00

3-مايدىن باشلانغان د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن 50 يېقىن ۋەكىل كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) غا كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ، نەچچە تونۇر نان، دوپپا، رەسىم، رەسىملىك قاپاق قاتارلىق بۇيۇملارنى ئالغاچ كەلگەن.

خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ 4-كۈنى بۇ ۋەكىللەر د ئۇ ق رەھبەرلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا تۆھپە كۆرسەتكەن مېھمانلارغا كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى. شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ يىگىرمە يىللىق مۇساپىسى ۋە كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى مەزكۇر پائالىيەت ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ۋەكىللىرىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. 2024-يىلى 4-ماي، ميۇنخېن
قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ۋەكىللىرىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. 2024-يىلى 4-ماي، ميۇنخېن (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ھەبىبۇللا ئىزچى)

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قازاقىستاندىن كەلگەن دىلنارا قاسىموۋا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ د ئۇ ق نىڭ بېسىپ ئۆتكەن 20 يىللىق مۇساپىسى، كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەكلىپلىرى ھەققىدە بەزى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

دىلنارا قاسىموۋا خانىم يەنە، قازاقىستاندا 63 ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ بارلىقىنى ئەمما بۇ مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق گېزىتى» خادىملىرى ئۆزىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى گېزىتلىرىنىڭ سانلىرىنى ئەكېلىپ، مەخسۇس تەسىس قىلىنغان كىتاب يەرمەنكىسى ئورنىغا تىزغانىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پېشقەدەم ئاقساقاللىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بۇ دەۋانىڭ ئىچىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان روزىمۇھەممەد ھاجىم قۇرۇلتاينىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ، «بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى ئۈچۈن 20 يىل بەك ئۇزۇن، ئەمما بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئۈچۈن 20 يىل تولىمۇ قىسقا» دېدى ھەمدە قۇرۇلتاينىڭ قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ئۆزگەرمەي كەلگەن نىشانىنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن قانۇنشۇناس، مۇناجىدىن قىزى ئىپارخان، بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتە بۇنچە جىق ئۇيغۇرنى بىر يەردە، ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشنىڭ ھاياجىنىنى ۋە «تارىختىن ساۋاق ئېلىش» ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

قازاقىستان ۋەكىللىرى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن
قازاقىستان ۋەكىللىرى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ھەبىبۇللا ئىزچى)

قازاقىستاندىن كەلگەن روبېرت ئۆمەرباقېيېۋ ئەپەندى (ئۇيغۇر) ئۆزىنىڭ د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشىدىن ھازىرغىچە شاھىت بولغان تارىخىي جەرياننى سۆزلەپ، «قۇرۇلتاي قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ئۇچ ئەۋلاد رەھبەرلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى: ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىم دەۋرىدە دۇنياغا كەلدى، رابىيە خانىم دەۋرىدە ئايىغى چىقتى، دولقۇن ئەيسا دەۋرىدە يىگىتلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى» دېدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسىنىڭ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندىن كەلگەن پېشقەدەم سەنئەتكار سەيىد ئالىم ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، 1996-يىلى ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىياتى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ، ئۆز ئارزۇسىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھۆر بىر ۋەتەننى قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن مېھمانلار لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن
ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن مېھمانلار لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ھەبىبۇللا ئىزچى)

قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئىنقىلابچى قەھرىمان خوجامبەردى د ئۇ ق قۇرۇلغان ۋاقىتتا تۈزۈلگەن ئۈچ باسقۇچلۇق پىلاننىڭ ھازىر ئىككىنچى باسقۇچتا، يەنى قانۇن ئۇرۇشى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى ئېلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كۈچلۈك مەدەتچىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ غەربتە تەرەققىي قىلىپ كۈچلىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېرىدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ تامامەن ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.