شى جىنپىڭ «‹ئۈچ خىل كۈچ› كە زەربە بېرىش، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى» دېگەن
2022.01.28

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دۈلەت باشلىقلار سىنلىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، باشلىقلار يىغىنىغا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت-توقايېف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمانوف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېف ۋە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىموھەممەدوف قاتناشقان.
شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا بۇ بەش دۆلەت بىلەن «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلىشى ۋە ياكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىشىنىدىغان ياخشى بىر قوشنا، شېرىك ۋە قېرىنداش دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
شى جىنپىڭ بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 50 مىليون دانە ۋاكسىنا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېلىكتىر، ئېنىرگىيە، سۈنئىي ئەقلىل، چوڭ ساندان (سانلىق مەلۇمات) ئامبىرى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، تېخنىكا ۋە ئىلىم-پەن يۆتكەشنىمۇ نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 30 يىلدا 100 ھەسسە ئاشقانلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ 14 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە سودىنى 2030-يىلغا بارغاندا 70 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شى جىنپىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تۆت خىل تەكلىپىنىڭ بىرى سۈپىتىدە «ئۈچ خىل كۈچ» كە داۋاملىق زەربە بېرىپ، چېگرانى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى مۇداپىيە تورىنى مۇستەھكەم قۇرۇش ھەققىدىكى مەخسۇس تەكلىپ قويغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 30 يىل بولغاندا، نىمە مەقسەتلەرگە يەتمەكچى ئىكەنلىكى، بۇ مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ يادرولۇق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداشتا، شۇنداقلا «يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئوتتۇر ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەن. ئەمما بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشى، شەرقىي تۈركستاننىڭ مۇقىملىقىغا باغلىق ئىكەن. بۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالىشىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىكەن.
ئوتتۇر ئاسىيادىكى بەش دۆلەت «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئورتاق زەربە بېرىش، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۆھبەت تېمىسىدۇر. خىتاي يەنە ئايرىم مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇلاردىن ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
2-يانۋار قازاقىستاندا پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى رىقابىتىگە ئائىت سوئاللارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ قوشۇن كىرگۈزۈشىنى قوللىشى، شۇنداقلا قازاقىستانغا «بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىش، ‹تاشقىي كۈچلەر› گە قارشى تۇرۇش» تەكلىپىنى سۇنۇشى، ئەزەلدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئامېرىكانىڭمۇ ئالاھىدە دېققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى 27-يانۋار ئۇيۇشتۇرغان «ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالامدۇ؟» تېمىسىدىكى تور مۇھاكىمىسىدە، دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە يەر بېرىلگەن. مەزكۇر يىغىدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئارىلىشىشى، روسىيە بىلەن خىتاينىڭ بولسا رايوندىكى تەسىر دائىرىسى كېڭەيتىش ئۈچۈن رىقابەتلىششى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى بولغان.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى Lesslie Viguerie، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى ئالىي مۇتەخەسسىسى Gavin Helf، كاسپىي سىياسەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكانىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى رىچارد خوگلاند قاتارلىقلار قاتناشقان بۇ مۇھاكىمىدە، پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ۋە بازار مەركىزىنىڭ دوتسېنتى ۋە مۇدىرى Jennifer Murtazashvili ئۆز ئانالىزىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋىتىگە ئارىلىشالمىسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەر شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويالماي كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ گەرچە ئامېرىكا ئوتتۇر ئاسىيادا خىتاي بىلەن ئوخشاش ئىستراتېگىيە قوللىنىشقا مۇھتاج بولمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەبلەغ سېلىشى ۋە بۇ ساھەلەرگە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.
شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى خەلقئارادا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەش ئاساسي ئېقىمغا ئايلانغان، ھەرقايسىي دۆلەت ۋە پارلامېنتلار خىتاينىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى»، ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق يىغىندا «كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك» دېگەننى تەكتلىشى، بۇ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.