قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەندى


2005.06.07

4-ئىيۇن كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالماتانىڭ 230 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۆنچە يېزىسىدا داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى. مۇراسىمغا يىراق – يېقىندىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، مەزكۇر ناھىيىدىن چىققان ئاتاقلىق ئەربابلار ۋە زىيالىيلار، سەنئەتكارلار ۋە ناھىيە خەلقىدىن بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.

ناھىيىنىڭ 70 يىللىق تويى ئۇيغۇر، قازاق سەنئەتكارلىرى كونسېرىتلىرى، ئات بەيگىلىرى شۇنداقلا رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا نامى چىققان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچى مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشىلىرى بىلەن خاتىرىلەندى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ناھىيىسى 1935-يىلى 31-يانۋار كۈنى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالماتا ۋىلايىتىدىكى قارادالا ۋادىسىغا ئۇيغۇر ناھىيىسى دەپ نام بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.