ئۆي بېزەشنى «ئۈچلەشتۈرۈش» دولقۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق، خىتاي شىركەتلىرىگە بايلىق ئېلىپ كەلگەن

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلرى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا مەسچىتلەرنى، «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش» نامىدا مىللىي قىياپەتتىكى مەھەللىلەرنى بۇزغان بولسا، ئەمدىلىكتە «ئۈچلەشتۈرۈش» نامى بىلەن ئۆي بېزەشنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بۇ «ئۈچلەشتۈرۈش»، يەنى خىتايچىلاشتۇرۇش دولقۇنى رايوندىكى ئۆي سايمانلىرى سودىسى قىلىدىغان خىتاي كارخانىلىرىغا زور مىقداردا پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئالدىنقى ئايلاردا رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قەشقەر نەزەرباغدا «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا» بەرپا قىلىش نامىدا مەۋجۇت قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ، بوستانلىق كوچىلارنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كاتەكچە شەكىلدە سېلىنغان قورۇلار بىلەن تولغان چەت-ياقىدىكى دەل-دەرەخسىز ئاھالىلەر رايونىغا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ يەنە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچكەندە ئىلگىرىكى مىللىي تۈستىكى ئۆي-سايمانلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا نەزەرباغدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر يېڭىشەھەردە ئىنكاستىكى ئەھۋالنىڭ ئەينەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يېڭىشەھەردە خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم ئۆيدىكى گىلەملەرنىڭ تۆكۈلۈۋاتقانلىقى، كىگىزلەرنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئورنىغا سافا، بەنچاڭ قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ ئىشلارنىڭ «ئۈچلەشتۈرۈش» دېگەن نام ئاستىدا مەخسۇس خىزمەت سۈپىتىدە ئورۇندىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

لاگېر گۇۋاھچىسى زۇمرەت داۋۇت رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئۆي بېزەشنى خىتايچىلاشتۇرۇش دولقۇنى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆي-سايمانلىرى دۇكانلىرىنىڭ 2018‏-يىلى بىر مەھەل ئامبارلىرىنىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سودا-سېتىق كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆي بېزەشنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا بىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسا، رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرىگە پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېزىلاردا ئاتالمىش زامانىۋى تۇرمۇش ئادىتىگە كۆچۈش ئۈچۈن 4 مىليارد 196 مىليون يۈەن پۇل ئاجراتقانلىقى، بۇ پۇل بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي بېزەكلىرىنى يېڭىچە تۈسكە كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما خەۋەرلەردە مىللىي پوسۇن، مىللىي زوق ۋە ئادەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.

گۇما ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئاھالىمۇ ئۆز مەھەللىسىدە ئۆي بېزەشتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئۆيلىرىدە كېگىز-گىلەملەر ئورنىغا سافالار ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ھەتتا جۆرىلىرى لاگېردىن چىقىپ قالسا، ئۆيلىرىنى تونۇماي قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى. زۇمرەت داۋۇت بۇنىڭ تەبىئىي بىر قىزىقىشتىكى ئۆزگىرىش بىلەن ئەمەس، بەلكى دائىرىلەرنىڭ تەلىپى، تەۋسىيەسى، نۆۋىتى كەلگەندە بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.