غۇلجا ناھىيەسىدە چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئۆيىدىن كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ سەرسانلىقى داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجادىكى بىر ئائىلىنىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەنلىكى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىشنىڭ بۇ سوغۇق كۈنلىرىدە تالادا قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، بۇ ۋەقەنىڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزا قاراياغاچ كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئوخشاش ۋەقەنىڭ باشقا يېزىلاردىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇ سەرسانلىققا غۇلجا ناھىيەسىدە 2009‏-يىلدىن باشلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتى 2009‏-يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدا بىر ئېلىكتۇر ئىستانسىسى قۇرغان، 2018‏-يىلى بۇ ناھىيەنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدا بىر كۆمۈركان ئاچقان. جەمئىيەت ئۇچۇرلىرى ۋە ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ شىركىتىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە ماكانلىشىشى ۋە مەشغۇلاتى ئەتراپتىكى كۆپ ساندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن كۆچۈرۈلۈشىگە، بەزىلىرىنىڭ بولسا ئۆيسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىققان ئەڭ يېقىنقى بىر سىن ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، غۇلجادىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيى ئۆتكەن ئاينىڭ 24‏-كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. نەتىجىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى قىشنىڭ بۇ سوغۇق كۈنلىرىدە تالادا قالغاندىن سىرت، بۇ ئائىلىنىڭ مەۋجۇت مال-بىساتىمۇ ۋەيران بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، بۇ خىل ئۆي چېقىش ۋەقەلىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار ئالاقىدار كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىدى. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتى 2018‏-يىلى بۇ يېزىدا كان ئاچقان ۋاقتىدا قاراياغاچ كەنتىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئائىلە ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە ۋە قاش يېزىسىدىكى چىپار تېرەك دېگەن يەرگە يەرلىشىشكە بۇيرۇلغان. ئاھالىلەر چىپار تېرەكتە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە كۆچۈشنى رەت قىلغان. دائىرىلەر ئۇلارنى ئەتراپتىكى بىر بىنەملىككە يۆتكىگەن. ئەمما بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇ يەرگىمۇ يۆتكىلىشنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانىدا تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرغان.

دېيىلىشىچە، ئۆيى ئۆرۈۋېتىلگەن كىشى جېلىل ئۆمەر ئىسىملىك بىر چارۋىچى بولۇپ، ئۇ چىپار تېرەككە كۆچۈشنىمۇ، بىنەملىككە كۆچۈشنىمۇ رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە تىرىكچىلىكىگە قۇلاي بولغان ھەم چارۋىچىلىققا ماس كەلگەن قاراياغاچ كەنتىدىكى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۆيىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندە، دائىرىلەر مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي ھالدا چېقىۋەتكەن. ئۆي چېقىلغاندا، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولغان قوي-كالىلىرى ۋە توخۇلىرىمۇ ئېغىر زەخمەتكە ئۇچرىغان.

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، چىڭخۇا شىركىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە تېخىچە سەرسانلىقتا ياشاۋاتقانلار چۇلۇقاي يېزىسىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. بۇ يېزىنىڭ زور بىر قىسىم يەرلىرى مەزكۇر شىركەت تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىنغان بولغاچقا، يېزىدىكى يېڭى ئۆي-ئوچاقلىق بولغان ياشلارغا جايلىق يەر بېرىلمىگەن. بۇ ياشلار يېزىنىڭ چەت-ياقا جايلىرىغا ئۆزلىرى ئۆي سېلىپ ماكانلاشقان، ئەمما دائىرىلەر بۇ ئۆيلەرنى «سوتسىيالىستىك زامانىۋى يېزا قۇرۇلۇش پىلانىغا ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ قاراپ، بۇنداق ئۆيلەرنى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇغان. بۇ تەۋەلىكتىكى تۇرغان تۇرسۇن دېگەن كىشىنىڭ ئۆيى بۇ يىل 5‏-ئايدا بىر كېچىدىلا بۇزۇپ تۈزلىۋېتىلگەن.

بۇ يىل ئەتىيازدا چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر ئالتۇن كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، مۇتلەق كوپ قىسمى ئۇيغۇر بولغان 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.