21-مارت كۈنى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر مەھەللىلىرى ۋە يېزا-قىشلاقلاردا تەنتەنىلىك قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك نورۇز مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشتى.

نورۇز بايرىمى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېڭى يىل، يەنى باھارنى كۈتۈۋېلىش؛ تەبىئەت ۋە ھاياتلىقنى سۆيۈش؛ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىش؛ شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان مىللىي بايرامدۇر. بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە كېلىشى، ئۇنىڭ تەنتەنىسىگە تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇنلار قوشتى.
2010-يىلنىڭ 23-فېۋرال كۈنى ب د ت ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلاتى (UNESCO) قارار قىلىشى بىلەن ھەر يىلى 21-مارت كۈنى خەلقئارالىق نورۇز بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
تاشكەنت شەھىرىنىڭ سېرگىلى تۈمەن ناھىيەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى مۇناجىدىن ھەۋەيدۇللايېۋ باشچىلىقىدا شۇ ناھىيەدىكى باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. ئۇلار شۇ كۈنى ئۇيغۇر مىللىي بۇيۇملىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مىللىي كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى كۆرگەزمە قىلغان، شۇنداقلا خالايىققا ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى كۆرسىتىپ، نورۇز كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.
سېرگىلى تۈمەن ناھىيەسىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىززەتبۇۋى ئامىردىن خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى، شۇنداقلا رەشىدەم ئابدۇسەمەتوۋانىڭ «نورۇز كەلدى» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك نورۇز بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ تەكلىپى بىلەن تاشكەنتتىكى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوۋ ئەپەندى قاتناشقان.
نورۇز بايرىمى كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيداندا داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت جەريانىدا قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئەت ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇر جامائىتىگە باشچىلىق قىلىپ، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى. «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى بۇ پائالىيەت جەريانىدا ئۆز ماھارىتىنى تاماشىبىنلارغا كۆرسەتتى،
نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى يەنە قىرغىزىستاننىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىرىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان نوۋوپوكروۋكا، لېبېدىنوۋكا، ۋاسىلېۋكا قاتارلىق يېزىلاردا، شۇنداقلا قاراقول، ئوش، جالالئاباد ۋە قارابالتا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئالدىنقى سەپلەردىن ئورۇن ئېلىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم، نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم رولى توغرىلىق پىكىر بايان قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە تىجارەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى بىرلىكتە ئىپتارلىق پائالىيىتى بىلەن كۈتۈۋېلىشقان.

ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ياشايدىغان دۆلەتلەردۇر. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ستالىننىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى «ئۆزبېك» ياكى «قىرغىز» دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغان. 1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
كېيىنكى يىللاردا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەركەزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىشقا باشلىغان. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بىر قىسىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.