ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى سېيىتجان سېتىشېفنىڭ شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى رومانى نەشر قىلىنماي قالغان

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، بۇنىڭ ئارقىسىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەم ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى بويىچە يۈرگۈزگەن ھەربىي يۈرۈشلىرى، قوشنا سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىستىك خىتاينىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى ئارقىسىدا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ گۇمران بولۇشى ھەمدە ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى ۋە باشقىمۇ ۋەقەلەر بەدىئىي ئەدەبىياتتا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئىسمى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدىمۇ ياخشى تونۇلغان زىيا سەمەدى، يۈسۈپ ئىلياس، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ۋە باشقىمۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇنىڭ يارقىن مىسالىدۇر. ئەمما كۆپلىگەن ئەسەرلەر سوۋېت ئىدېئولوگىيىسىنىڭ قاتتىق بېسىمى سەۋەبىدىن نەشر قىلىنماي قالغان ئىدى.

يېقىندا ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى سېيىتجان سېتىشېفنىڭ «ئازادلىق يولى» ناملىق تارىخىي رومانىدىن پارچە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئەسەر ئىلى ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ۋەقەلەرنى ئاساسلىق تېما قىلغان. گېزىتتە مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنارلىق تارىخىي قىسمىتىگە بېغىشلانغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى زامان كۆتۈرەلمەي نەشر قىلىنمىدى. جۈملىدىن ‹ئازادلىق يولى› رومانىمۇ دەۋرنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ئۇچرىغان.»

دېمەك، سېيىتجان سېتىشېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا، بېشىدىن ئۆتكەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە بېغىشلىنىپ يېزىلغان، ئەمما بەلگىلىك سەۋەبلەرگە كۆرە يورۇق كۆرمىگەن ئەسەرلىرى «ئازادلىق يولى» رومانى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن.
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، سېيىتجان سېتىشېفنىڭ ئەسەرلىرىلا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ شۇ تۈزۈمنىڭ كۆپ ئازابلىرىنى تارتىپ، ئۆلۈمدىن ساق قالغان ئىستېداتلىق يازغۇچىلارنى بىرى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سېيىتجان سېتىشېفنىڭ ياشلىق دەۋرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ شانلىق تارىخى بىلەنمۇ، ئېچىنارلىق قىسمىتى بىلەنمۇ زىچ باغلىق. سېيىتجان سېتىشېف مىللىي-ئازادلىق ئىدىيەلىرى ناھايىتى ئەۋج ئالغان يىللىرى ياشىدى. ئۇ ياشلار قاتارىدا شۇ يىللاردىكى كۈرەشنىڭ ئاۋاڭاردلىرىدىن بولدى.»

ئالىمجان ھەمرايېف مەزكۇر روماننىڭ ياشلارنى تەربىيىلەشتە ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى، نەشر قىلىنماي قالغان مۇنداق ئەسەرلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، نەشر قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، «قەيسەر» تەخەللۇسلۇق سېيىتجان سېتىشېف 1931-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ 1950-يىلغىچە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان، ئاندىن 1951-1952-يىللىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سابىق مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم تەھسىل كۆرگەن. سېيىتجان سېتىشېف 1952-1959-يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى جەريانىدا خىزمىتىدىن بوشىتىلىپ، ئىككى يىل نازارەت ئاستىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان.
سېيىتجان سېتىشېف 1961-يىلى ئائىلىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستاندا ياشىغان. ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ئېلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«دەسلەپكى چېچەكلەر»، «ياز ناخشىسى»، «ۋاپا» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملارنىڭ ئاپتورى سېيىتجان سېتىشېفنىڭ ئەسەرلىرى رۇس، ئۆزبېك، قىرغىز، تۇڭگان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئۇ 1980-يىلى سوۋېت يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىنغان. يازغۇچى 2003-يىلى تاشكەنت شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.