پائالىيەتچىلەر ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى تەھلىل قىلدى

0:00 / 0:00

23-يانۋار كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش» ئومۇمى يېغىنى ئېچىلغان. مەزكۇر يېغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش (UPR) خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن باھالانغان.

مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش يىغىنىدىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە قىسقا بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە بۇ قەرەللىك باھالاشنىڭ بېيجىڭنىڭ باشقۇرۇشىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان.

سوفى رىچاردسون ئۆزىنىڭ بۇ باھالاش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «بىلگىنىمىزدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ باھالىرىغا قارىتا دېگەن سۆزلىرى باھالاش جەريانىنى كونترول قىلىش ۋە باھالارغا تەسىر قىلىشقا ئۇرۇنۇش مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ باھالاش جەريانىدا بىر مەسىلە بولدى. ئەمما خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، سوئاللارنى سورىغىنى ياخشى بولدى. ئەلۋەتتە باشقا يەنە، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇنى بىر ئازدىن كېيىن يەنە دېيىشىمىز. ھازىرچە مېنىڭ ئومۇمى خۇلاسەم مۇشۇنچىلىك» .

ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن ئۆزىنىڭ بۇ باھالاشتىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مېنى شەخسەن ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى مۇسۇلمانلار كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپىنچە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تۇتقۇزۇپ قويغان تېكىستلەرنى يادقا ئوقۇپ بېرىشى بولدى. كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاينى قوش قوللاپ قوللىغىنى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق. بىزگە ئوخشاش ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۈچۈن بۇ، قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى خالايدىغان، قايسىلىرىنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى. يەنى كىملەرنىڭ دوست، كىملەرنىڭ ئەمەسلىكى ئېنىق بولدى. بەلكىم ئۇلار بۇ جەرياندىمۇ بەزى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى يەنە بىرسىدىن ئۈستۈن قويدى» .

پائالىيەتچىلەر يىغىن جەريانىدا نەق مەيداندىن قاتناشقان ۋە توردىن قاتناشقانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بىر قاتناشقۇچى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى باھالاش دوكلاتى» دا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئېلان قىلغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئۈچ يىل بولغان مۇشۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ يەنىلا ب د ت دىكى بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە سوئال سورىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىمى پىتىر ئىرۋىن (Peter Irwin) بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە بىز خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنكاسىنى بۇرۇنمۇ كۆرگەن. 2017-يىلى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىش باشلانغاندا، خىتاي دەرھاللا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىشقا ئۇرۇنغان. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نەزەرىيەسىنى قايتا-قايتا بازارغا سالغان. بۇ خىل چۈشەندۈرۈشلەر بەش يىلدىن بۇيان ئاستا-ئاستا باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭمۇ نۇتۇقلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قېلىۋاتقان خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشلىرى تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. بىز، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان يېڭى كومىسسارىنىڭمۇ خىتايغا قارىتا قاتتىق سۆز ئىشلىتىشتىن ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. كومىسسارلا ئەمەس ب د ت دىكى باشقا ئورگانلارمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ھەققىدىمۇ قاتتىقراق بىر نەرسە دېمىدى. ئۇلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەشتىن بۇ قەدەر قېچىشى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ بۇ ئورگانلارغا بىسىم قىلىش بەك مۇھىم دەپ ئويلايمەن» .

توردىن قاتناشقان بىرەيلەننىڭ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كومىسسارىنىڭ دىپلوماتىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن خىتايغا نىسبەتەن سەۋر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا زۇمرەتئاي ئەركىن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتايغا قارىتا كەسكىن ھەرىكەتلەرنىڭ قوللىنىلمىغانلىقى، باياناتلارنىڭ بېرىلمىگەنلىكىدىن ناھايىتى غەزەپلەندى. بىز ئۇيغۇرلار كومىسسارنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن ھازىر ۋاز كېچىدىغان ۋاقىت ئەمەس، چۈنكى ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. بىز ۋەتەندىكى ئائىلىمىز بىلەن تېخىچە ئالاقىلىشەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كومىسسارى بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگۈچە توختىمايمىز» .

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بولۇپ، ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەر 4 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان مۇددەتتە قەرەللىك تەكشۈرۈلىدىكەن. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك باھالاش ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2009-، 2013-ۋە يەنە 2018-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق باھالاش خىتاينىڭ تۆتىنچى قېتىم باھالىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.