ئ ۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا بولغان ئىشەنچىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى»
ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىلىپ، ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ لاگېرلارغا قامالغان، غايىب بولغان يېقىنلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆز يېقىنلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلدى ھەمدە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى. بىز بۈگۈن ئامېرىكادىكى روشەن ئابباس خانىم ۋە فىرقەت جەۋدەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ 3 يىللىق مۇساپە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلار ئېچىلىپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش خېلى تەس بولدى، دەيدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فىرقەت جەۋدەتمۇ غۇلجادىكى ئاپىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن پائال ھەرىكەت قىلىپ، زۇلۇمنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياشلارنىڭ بىرى. ئۇمۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە لاگېر پەيدا بولغان بۇ 3 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەم روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىن كۆپ خورىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ 3 يىلدا لاگېرلارنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق لاگېرلارنى ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ، جۈملىدىن ئاپىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
روشەن ئابباس خانىممۇ ھازىرقى كېلىنگەن نۇقتا يەنىلا ئارزۇ قىلىنغان نۇقتا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمىگەنلىكى، بۇندىن كېيىن لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنى ئاياغلاشتۇرۇشىدا يەنىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كېلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرقەت جەۋدەتمۇ بۇ قېتىملىق ۋۇخەندىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىنكى ھەرىكەتلەردە يەنىمۇ جانلىنىش بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لاگېرلار چوقۇم ئاياغلىشىدۇ ۋە مەن چوقۇم ئاپامنى كۆرۈش ئارزۇيۇمغا يېتىمەن، دەيدۇ.
0:00 / 0:00