10-ئىيۇن جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىسلامئابادتىكى پاكىستان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ دۈئەنۋۇ، يەنى تاڭزوڭزا بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى، پاكىستانلىق ياش مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئۈستىگە ئارتىپ كىرىش بىلەن پۈتۈن زالدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ بۇ ئارقىلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى خىتايلارنى راھەتسىز قىلغان. ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى زالدىكى بەزى پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئاشكارا قوللاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولسىمۇ زالدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىغان.
مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ ھەقتە ھېچكىم ئاۋاز چىقارمىغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستاندا بىر باشلىنىش بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. شۇنداقلا پاكىستاندىكى خىتايلارمۇ مۇسۇلمانلارنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ھۆرمەت قىلمايدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق پاكىستان ھۆكۈمىتىدىكى مەنسەپدارلارنىڭ پاكىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، مەيلى قانداق ئۇسۇلدا بولسۇن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار پاكىستاندىكى مۇسۇلمان خەلقىنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىشنى ئويلىدىم».

بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قاچاندىن باشلاپ قانداق بىلگەنلىكىنى سورىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇرۇن پەقەت خىتايدا پاكىستانغا قوشنا ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت مۇسۇلمان خەلق ياشايدىغانلىقىنىلا بىلەتتىم. ئەمما ئۇنىۋېرسىتېتقا كېلىپ ئەركىن ھالدا ئىنتېرنېتقا چىقىپ خەلقئارالىق خەۋەرلەردىن ۋە يەنە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ زۇلۇم قىلىپلا قالماي يېقىندىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. نۇرغۇن دوكلاتلارنى ئوقۇدۇم ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىم ئىچىمگە پاتمىدى. بولۇپمۇ كەشمىر ۋە پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر قاتارلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەسىلىلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ، تېخىمۇ ئېغىر ۋە جىددىيلىكىنى سېلىشتۇرۇپ چۈشەنگەندىن كېيىن، چوقۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىم ۋە بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم».
پاكىستان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تورىدىكى بۇ پائالىيەت ھەققىدە چىقىرىلغان ئېلانغا قارىغاندا مەزكۇر خىتاي فېستىۋالىنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي تىلى مەركىزى بىلەن خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مەركىزى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، خىتاي ئەلچىسى ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بەزى ئەمەلدارلار تەكلىپ قىلىنغان.

مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد ئۆزى ئوقۇۋاتقان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان بايرىمىنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان. گەرچە ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىر تەرەپتىن مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن نامايىشىغا تەييارلىق كۆرگەن. ئۇ نامايىشىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دوپپىسىنى تورلاردىن ئىزدەپ كۆرگەن، ئەمما تاپالماي ئاخىرى، پاكىستاندىكى ئىسلامئابادقا يېقىن راۋالپىندىدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىدىن ئىبارەت بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپقان. ئۇ، 9-ئىيۇن كۈنى، مەزكۇر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارماقچى بولغان نامايىش پىلانىنى ئېيتقان. ئۆمەر ئەپەندى ئۇنىڭغا بىر ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى بەرگەن.
مۇھەممەد ئوسمان ئەسەدنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا يېقىنقى يىللاردا خىتايلار ھەر يىلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پاكىستاندىكى خەلقئارالىق بىر ئۇنىۋېرسىتېت سانالغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەر تۈرلۈك فېستىۋال، بايراملار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ بۇ بايراملىق پائالىيىتى بولسا خىتايچە شېئىر ئوقۇش بىلەن باشلانغان. پائالىيەتتە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى ئويناش، خىتايچە ناخشا ئېيتىش، خىتايلارنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندالغان. پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، خىتايلار يېتىشمىگەچكە بىرقىسىم پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى خىتايچە كىيىندۈرۈپ نومۇر ئورۇنداشقا قاتناشتۇرغانىكەن.
مۇھەممەد ئوسمان ئەسەدنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەت مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان، باشتا زالغا تاماشىبىنلار لىق تولغان بولسىمۇ، پائالىيەت سەھنىسىدىكى خىتايچە نۇتۇقلارنى، تونۇشتۇرۇشلارنى ھېچكىم چۈشەنمىگەندىن باشقا، ناخشا ئېيتىۋاتقان خىتاينىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىشلىتىلگەن ۋىدىيولاردىكى بىرقىسىم قىلىقسىز كۆرۈنۈشلەر مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر راھەتسىزلەنگەن ۋە ئاستا-ئاستا زالدىن ئايرىلىشقا باشلىغان.
مۇھەممەد ئوسمان ئەسەدنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ يالغۇز كىشىلىك تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئاشكارا ۋە ياكى جىددىي بىر تەدبىر ئالمىغان. پەقەت پائالىيەت تەرتىپىنى بۇزماسلىق ۋە تېخىمۇ چوڭ دىققەت قوزغاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر قانچە كىشىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويغان. پائالىيەتتىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن بايراق ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇ ھازىرغىچە بىرەر پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن.
مۇھەممەد ئوسمان ئەسەدتىن نامايىشنى نېمىشقا يالغۇز ئېلىپ بارغانلىقىنى، دوست ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشتىراك قىلمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «پائالىيەتكە كىرىشتىن ئاۋۋال بىر قانچە ساۋاقداش ۋە تونۇشلارنى تىنچ نامايىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىمدىن خەۋەرلەندۈرگەنىدىم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مېنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما پائالىيەتكە كىرگەندە ئۇلار ئاۋارىچىلىكتىن ئەنسىرەپ ئۆزلىرىنى قاچۇردى ھەتتا مېنى بايراق بىلەن سۈرەتكە تارتىپ قويۇشتىنمۇ يالتايدى».
پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەممەد ئەسەدنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ، تۇنجى قېتىم بىر پاكىستانلىق تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۆمەر ئەپەندى يەنە پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا قاتتىق بېقىنىپ قالغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپلا قالماي ھەتتا خىتاينى ئاشكارا قوللاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، مۇھەممەد ئوسماننىڭ بۇ پىداكارلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد ئوسماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى بەزى ئىسلامىي ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم ئۆلىمالار «شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» نى تونۇشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ زىچ ئىقتىسادىي باغلىنىشى سەۋەبلىك، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ۋە ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقى ۋە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتىكەن.
مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىغان ۋە چۈشەنگەن پاكىستانلىقلارنىڭ ھەرگىز بۇ زۇلۇمغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھېسداشلىقىنى يەتكۈزۈشىمىزنى سوراپ مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ئاددىي بىر ئوقۇغۇچى، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋاملىق ئاۋاز چىقىرىمەن ۋە پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى بىلەن ھەمكارلىشىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى پائالىيىتىگە ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن تۆلەۋاتقان بەدەللىرىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى تىلەيمەن. ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا، پاكىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قوشنا دۆلەت بولۇپ سىلەرنى ۋە دۆلىتىڭلارنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».