پاكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالغان، بىراق مەۋجۇتلۇقى گۇمانلىق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن نامى ئىشلىتىلىپ كەلگەن بۇ تەشكىلات، 2020-يىلى 11-ئايدا «مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت دەلىللەر يوق» دېگەن سەۋەب بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنىدى.
بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماھمۇت شاھ قۇرەشىنىڭ 3-ئىيۇن كۈنى ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن «3 تەرەپ دىئالوگى» نىڭ ئاخىرىدا تەرەپلەر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن.
خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خەلقئارادا بارغانسېرى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا شۇنداقلا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ پاكىستان بىلەن ش ت ئى ھ نى «رېئال تېررورلۇق تەھدىتى» دەپ ئېلان قىلىشى ۋە پاكىستاننىڭ ئۇنى يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلدى.
ئامېرىكادىكى «كور ئانالىتىك ئورنى» نىڭ دىرېكتورى، «سىياسىي خەتەر» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت ئىنتايىن ئاز دەلىللەر بولغان بۇ گۇرۇھنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ھەقلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانماقتىكەن.
ئاندېرس كور ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت دەلىللەر ئىنتايىن ئاز بولغان تەشكىلات. خىتاي ئۇنى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بارلىق تەشكىلاتلارغا، شەخسلەرگە، تىنچ گۇرۇھلارغا، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىپ كەلدى. خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەقلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلدى».
بىراق يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر دائىرىلەرنىڭ بۇ يەردە «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەس» نى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى، چۈنكى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئاز بولسىمۇ ئافغانىستاندا بارلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ پاكىستاندا مەۋجۇتلۇقى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور شون روبېرتس بۇ پىكىردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.
ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئەمەلىيەتتە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى دەۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ مەۋجۇت گۇرۇپپا. ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقۇنى بۇ. بۇ گۇرۇپپا مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ پاكىستاندا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇلار ئافغانىستاندا مەۋجۇتتەك قىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندىكى سانى كۆپ ئەمەس. ئامېرىكا ئارمىيەسى 2 يىل ئاۋۋال بۇ گۇرۇھنىڭ ئادەملىرىگە بەدەخشاندا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ گۇرۇپپا ئافغانىستاندا مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ سانى ۋە پاكىستاندىمۇ مەۋجۇت، دەپ قارىمايمەن».
شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتايدىغان بىر گۇرۇپپا يوق ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بۇ گۇرۇھنىڭ خىتايغا «جىددىي تەھدىت» ئىكەنلىكىگە ئائىت دەلىل يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
شون روبېرتس: «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى سۈرىيەدە ئاكتىپ بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى دائىم ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خىتايغا تەھدىت ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەر يوق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ «جىھاتچى گۇرۇھ» نىڭ ئافغانىستاندىمۇ خىتايغا ھەرقانداق تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەك مۈشكۈل ئىكەن.
شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «ئافغانىستان خىتايغا يېقىن بولغاچقا خىتاي ت ئى پ نىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلدى. بىراق بۇ ئاز ساندىكى جىھاتچى گۇرۇھنىڭ ئافغانىستاندىمۇ خىتايغا ھەرقانداق تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەك مۈشكۈل. ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىش ئېھتىماللىقى باردەك قىلمايدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەنپەئەتلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىغا دائىر دەلىللەر يوق. بىراق ئۇلار تالىبانلار بىلەن ئىتتىپاقداش. مانا بۇ پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ خىتايغا ياردەم بېرىشنى خالىشىدىكى سەۋەبتۇر».
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى شەرھلەپ «چۈنكى، ئون نەچچە يىلدىن بېرى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت ئىشەنچلىك دەلىللەر تېپىلمىدى» دېگەن شۇنداقلا يەنە «بىز ش ت ئى ھ نىڭ خىتاينىڭ كەڭ ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەھدىتى دەپ خاتا سۈرەتلەشتە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى باھالاۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
بىراق پاكىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇنىر ئەكرەم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى مەۋجۇت بولغان «رېئال تېررورلۇق تەھدىتى» دەپ كۆرسىتىپ، پاكىستاننىڭ ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىز 8-ئىيۇن پاكىستاننىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارشىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ۋەكىل ئىشخانىسىنىڭ خادىمى «ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقى» بىلدۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، پاكىستاننىڭ خىتاينى سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى زور خاتالىق ئىكەن. ئۇ پاكىستاننىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئاندېرس كور: «پاكىستان رەھبەرلىرى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئۇنىڭ يولىغا كىرىپ، پاكىستان خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن خەتەرلىك گىرداپقا ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، ھازىر پاكىستان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، پاكىستاننىڭ مەيدانى، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى ھەقىقەتەن ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك. ئۇنىڭغا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جازا قويۇش كېرەك»، دېدى.
بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەقسىتى پاكىستان ئارقىلىق دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت» دېگەن ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئىكەن. تۈركىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئاتاۋۇللا 8-ئىيۇن رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مەمەت توختى ئاتاۋۇللا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بۇ خىل ئويۇنلارغا كەلمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى مەۋجۇت خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇنلاردىن پايدىلىنىشقا قارىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ بىر قانچە ئايلار ئالدىدا ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كابۇلدا ش ت ئى ھ ئەزالىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئادەم توپلىغان بىر «ساختا جىھاتچىلار» گۇرۇھىنى قولغا ئالغان.
ئافغانىستان تەرەپ ئەگەر خىتاي كەچۈرۈم سورىسا بىرى ئايال بولۇپ 8 ئۇيغۇر، 2 خىتايدىن تەركىب تاپقان بۇ «خىتاي جاسۇسلۇق گۇرۇھى» نى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جاسۇسلۇق گۇرۇھى ئافغانىستان پرېزىدېنتىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. خىتاي تەرەپ ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جاسۇسلۇق گۇرۇھىنى ئېلىپ كەتكەن. بىراق، بۇ ۋەقە كىشىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر «جىھاتچىلىقىنى» نى قانداق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى.