خىتاي پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق ساياھىتى» گە ئاپارغان
2024.08.27
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان فەيسىبوك، ئىنستگرام قاتارلىق بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىنقى كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن پاكىستاندىن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان 10 كىشىلىك بىر زىيارەت ئۆمىكىنىڭ قولىدا خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، كورلا قاتارلىق جايلاردا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئالاھىدە چوڭ زىياپەت، ئېكسكۇرسىيە ۋە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى تاماشا قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە «شىنجاڭدا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى باياشات ياشاۋېتىپتۇ» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىۋاتقانلىقىغا دائىر سۈرەت ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلماقتا.
يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىن ئۆمەك تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، بۇ نۆۋەت ئاتالمىش «پاكىستان سودا-سانائەتچىلەر ۋەكىللىرى زىيارەت ئۆمىكى» دە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىشى دىققەت تارتىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلار تارقىتىۋاتقان تەنقىدىي ئۇچۇرلاردىمۇ، بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن پاكىستاندىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تاماشا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.
پاكىستاندا ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پاكىستان جامائىتىنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىكنى، خىتاينى ئاقلاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىيارەت ئۆمىكىنى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە X خىتاي جەمئىيىتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاساسلىق راۋالپىندى، گىلگىت، ئىسلامئاباد قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى بىلەن ئىزچىل يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلاردىن نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان X خىتاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا ئىسلامئاباد سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ناسىرخان ساھىب باش بولغان بولۇپ، ئۆمەك X خىتاي جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئەزىمجان، ئابدۇل ئازىز، ئەكبەر قاتارلىق ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن تەشكىللەنگەنىكەن.
ئۇلار 19-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان ھەمدە 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىقىمى بىلەن زىيارەتتە بولماقتىكەن.
ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زىيارەت ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتايغا يېتىپ بارا-بارمايلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئوردۇ، ئىنگلىز تىللىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ئىناق، خاتىرجەم، باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتىشىپ، خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى باشلىۋەتكەن.
بۇ ئۆمەكنىڭ تەركىبى ۋە مەقسەتلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن راۋالپىندىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان X خىتاي جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، تېلېفونغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى.
پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلىرىدا نۆۋەتتە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار پاكىستانغا يەرلەشكىنىگە 50-60 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ پاكىستان پۇقرالىقىغا ئېلىنمىغانلىقى ۋە دۆلەتسىزلىك كىرىزىسىدا تۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى پاكىستاندا قۇرغان خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتى بولغان «X خىتاي جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ ئوخشىمىغان تاكتىكىلار ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
راۋالپىندىدا يەنە ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستانغا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغىچە پاكىستاندا ھېچقانداق قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ھېلىھەم خىتايغا ياكى ئافغانىستانغا سۈرگۈن قىلىنىش خەۋپىدە تۇرماقتا ئىدى.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن تەشكىللىگەن بۇ ئۆمەكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يېپىش ئويۇنىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىدىن غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاتالمىش «پاكىستان ياش سەرخىللىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاتۇشنى زىيارەت قىلغان، خىتاي دائىرىلىرى، ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ رايوندا مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، دىنىي ئىناقلىق، مەدەنىيەت گۈللىنىشى ۋە كۈچلۈك تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشقانىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇلارنىڭ «بىز كىشىلەرنىڭ دائىم خۇشال ھالدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، مەن شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەسەلدىنمۇ تاتلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم»، دېگەنلىرىنى بارلىق تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلغانىدى. ئۇلار خىتاي ئاخباراتلىرىغا، ئۈرۈمچىدىكى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.
خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان گىلگىتتىكى ئابدۇل ئەزىز ئىسىملىك ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ فەيسىبوكتا تارقاتقان «شىنجاڭ» ساياھەت خاتىرىلىرى توغرۇلۇق قىسقا ۋىدىيولىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم «شىنجاڭ ساياھىتى» گە تەكلىپ قىلىنغان پاكىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئوخشاش تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي تەرەپ، بۇ 10 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكىگە، ئىسلامئاباد سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ناسىرخان ساھىبنى ئۆمەك باشلىقى قىلىپ ئاپارغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ جەمئىي 8 كۈن زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭ ھەمبەھىرلىگەن بايانلىرىدىن، بۇ زىيارەتنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىراجىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەتنى ئۈرۈمچىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كاتتا زىياپەتلەردە تاماق يېيىشىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ كۆرگەزمىسى، خەلقئارا چوڭ بازار، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى قاتارلىق خىتاينىڭ بېكىتكەن «شىنجاڭ ساياھەت نۇقتىلىرى» دا زىيارەتتە بولغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ يەنە خىتاي دائىرىلىرى كورلا شەھىرىدە 22-ئاۋغۇست ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى» قاتناشقانلىقى مەلۇم.
بىز ئابدۇل ئەزىز ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر بىلەن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى «شىنجاڭ ساياھىتى» تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان راۋالپىندىدىكى «X خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى» 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىسلامئابادتا «پاكىستاننىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى» ناملىق بىر مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا Xخىتاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ناسىر خان، خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئەزىم خانلارمۇ قاتناشقان. خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ بارلىقى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەت مەنزىلىگە ئايلانغانلىقىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلغانىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق ساياھەتلىرى» بىلەن بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، پاكىستاندىكى قىسمەن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىغا سېلىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا.
ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى، پاكىستان نەسلىدىن بولغان خېنا زۇبەرى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھېلىھەم ۋەتىنىدىكى ئاتا-ئانىلىرى، قېرىنداشلىرىدىن بىخەۋەر، تۇرۇۋاتقان بور ۋاقىتتا، ئۆز جامائىتىدىن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاشقا قاتناشقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ ئىنتايىن ئېچىنارلىق بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: پاكىستاندا ‹خىتاي، پاكىستان دوستلۇقى› تەشۋىقاتى بالىلاردىن تارتىپ سىڭدۈرۈلمەكتە. پاكىستاننىڭ سىياسىي ساھەسىلا ئەمەس، سودا ساھەسىنىڭمۇ خىتاي بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەتتا خىتايلىق بىلەن پاكىستانلىق توي قىلغان ئەر-ئايال ئوبرازلىرىنى يارىتىپ كىنولارنى ئىشلەپ، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەت جەھەتتىن خىتايلارنى قوبۇل قىلىش ئەھۋاللىرىنى بايقايمىز. ئەمما كۈپ ساندىكى پاكىستانلىقلار بۇنىڭ پاكىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق چۈشەنمەيدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ياكى ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراپ، خىتاي بولۇپ كېتىش ياكى خىتاي بولمىسا ئۆلۈشتىن باشقا تاللىشى يوقلۇقىدىن ئىبارەت بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرسا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋە پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بېرىشى خىتاينىڭ ئۆزى باستۇرۇۋاتقان خەلقنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار ئۈستىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشىدۇر. ئەپسۇس ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي خىتاينىڭ چاڭگىلىدا بولغان پاكىستان ھۆكۈمىتى بولسا، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان مانا بۇ خىل ‹ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇشى› غا ھەمكارلاشماقتا.»
خېنا خانىم سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقلىرىنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىدىغىنىغا كەلسەك، بەلكىم خىتايغا يانتاياق بولۇۋاتقان بۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى مەنپەئەتلەر ئۈچۈن سېتىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى، تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقى سەۋەبلىكمۇ بۇنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن».