پاكستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرغاندىن بۇيان، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەمدە بولغانلىقى مەلۇم. كانادادىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلانغانلىقى، پاكىستان تەرىپىدىن 2014-يىلغىچە 60 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كونكىرېت ئۇچۇرلىرى تىلغا ئېلىنمىغان.
«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، پاكىستاننىڭ 2010-يىلى تېرورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ، بىراق پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 5 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇر، شۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
دوكلاتتا پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلانغانلىقى، پاكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 14 نەپەر ئۇيغۇر تالىپنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چېگرىدىلا ئېتىپ تاشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئىلگىرىكى يىللاردا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي، ئىسمائىل سەمەت، مۇھەممەت توختى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدەك تارىخى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بەزىلىرىنى بولسا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
پاكستاندىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەپ ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توي قىلغان پاكىستانلىقلارنىڭمۇ مەنپەئەتىنى قوغدىمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە.
لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇ پاكستانلىق ئېرى ئىمراننىڭ خىتاي ۋە پاكستان ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ پاكستانغا كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ۋاستىلىق تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن پاكستاندىمۇ تۇرالماي ئاخىرى ئائىلىسى بويىچە ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان.
زۇمرەت داۋۇت، پاكستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن توي قىلغان پۇقرالىرىغىمۇ ئىگە چىقالماي، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىمىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە پاكستانلىق ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىرغىچە لاگېردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر مىسالى دەپ كۆرسەتتى. زۇمرەتنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا پاكستانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ بىخەتەر بولمىغاچقا، پاكستاندا تۇرۇپ خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئاياللىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.
پاكستاندىن ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پاكىستانلىق بىر ئەر، ئۇيغۇر ئايالى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2017-يىلى لاگېرغا قامالغانلىقىنى، بىگۇناھ ئايالىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ يا ئۇيغۇر ئېلىگە كىرەلمەي، يا ئايالىنىڭ پاكىستانغا چىقالماي ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پاكىستانلىق بىر ئەر بىلەن توي قىلغان، يېقىندا پاكىستاندىن تۈركىيە كەلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە بېسىم قىلىپ، قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، نەتىجىدە پاكستاندىن يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن قىسقا مۇددەتتىن كېيىن، لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىدە 2 يىل نەزەربەنتتە تۇرغان ئىكەن. ئۇ 2019-يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى گۆرۈگە ئېلىنىش شەرتى بىلەن پاكستانغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ «بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىسەن ياكى پاكىستاندىنقايتۇرۇلۇپ كېتىسەن» دىگەندەك تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلالمىغان. ئۇمۇ ئاخىرى پاكستاندىن تۈركىيەگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.
بىر يىل ئىلگىرى «ئاپوللو»، «ۋائىس» قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ پاكستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرىدە، پاكىستان كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئەمەلدارىنىڭ: «ھۆكۈمەت تەرەپ پاكىستاندا ياشايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاش» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، «دىنىي ئېتىقادى»، «ئائىلە تارىخى» قاتارلىق سوئاللارنىڭ مەزكۇر جەدۋەلدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.