خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ۋەھشىي باستۇرۇش قىلمىشلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن بېسىمغا قارشى ئۆز قىلمىشلىرىدىن تېنىش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بولۇپمۇ خەلقئارادا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن چاغان بايرىمىدا، چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بەس-بەستە چاغانلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاش، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى قىزغىن ئالقىشلاش ھەمدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرغانلىقى ئاشكارىلىنانماقتا.
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» تەڭ ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ نۆۋەتلىك چاغان بايرىمى دەل خىتاينىڭ شۇ خىلدىكى تەشۋىقات مەيدانىنىڭ بىرى بولغان.
پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەرخان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان 2022-يىللىق چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ نۆۋەت ئىسلامئابادتىكى سېرىنا مېھمانخانىسىدا 14-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چاغانلىق پائالىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ داغدۇغىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتايغا مايىل ئۇيغۇرلاردىن 30 غا يېقىن كىشى قاتناشقانىكەن.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆمەرگە يەتكۈزۈشىچە، ئەلچىخانا خادىملىرى بۇ پائالىيەتتە مەخسۇس «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دېگەنلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بارلىق كىشىلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ سۆزلىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى پائالىيەتتە يەنە ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن، ئۆزلىرى پاكىستان پۇقراسى بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى خىتاي مۇھاجىرى دەپ تىزىملاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەييارلىغان جەمئىي 100 مىڭ دوللارغا يېقىن مۇكاپات پۇلىنى تارقاتقانىكەن.
ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان، ئۆزلىرى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار تۇرۇقلۇق يەنىلا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى پاكىستاندىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرمەكتىكەن. ئۇلار ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىدىن، ئۇيغۇرلۇقىدىن تانغان بۇ كىشىلەرنىڭ پاكىستاندا خىتاينى ئاقلاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشنى سورىغانىكەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ بۇ چاغانلىق پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن ئىسلامئابادتىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇقەييۇم مەجىت چاغان بەزمىسىدىكى رەسىم ۋە ۋىىدىيولارنى ئۆزىنىڭ فەيسبوك سەھىپىسىدە ئورتاقلاشقان. بۇ سۈرەتلەردىن «چاغان ۋە ئولىمپىكنى قىزغىن كۈتۈۋالايلى»، «خىتاي-پاكىستان دوستلۇقى مەڭگۈ ياشىسۇن» دەپ يېزىلغان قىزىل رەڭلىك پلاكاتلار، خىتاينىڭ قىزىل بايراق ۋە چاغانلىق پانۇسلىرى بىلەن بېزەلگەن مەزكۇر چاغانلىق پائالىيەتكە خىتايلار، پاكستانلىقلار ۋە ئاز ساندا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى مەلۇم.
تېلېفونىمىزنى ئالغان ئابدۇقەييۇم گەرچە دەسلەپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك چاغان بەزمىسىگە قاتناشقان =قاتناشمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن ئىنگلىزچە «ئەلۋەتتە! مەن جۇڭگو پۇقراسى، شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتناشتىم» دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەلچىخانا قانچە پۇل مۇكاپات بەردى؟ دېگەن سوئالىمىزغا كەلگەندە «مېنىمۇ ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگوغا قارشى چىققۇزماقچىمۇ. . . .» دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
ئەسلى تېگى ئۇيغۇر بولغان ئابدۇقەييۇم مەجىتنىڭ توردىكى سۈرەتلىك ئارخىپلىرىدىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەر تۈرلۈك زىياپەت ۋە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقاندىن باشقا، بىر قانچە قېتىم خىتايدا مەخسۇس مۇھاجىر سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان زىيارەتلەرگە ھەتتا خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغىمۇ ۋەكىل سۈپىتىدە قاتناشقانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ راۋالپىندىغا قۇرغان خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەسئۇل خادىمى ئەزىمجانغا تېلېفونىمىز ئۇلاندى.
ئۇ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پۇل بەرگەنلىكىنى رەت قىلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۇل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىقتىسادى قىيىن «شىنجاڭ» لىق ئائىلىلەرنىڭ پاكىستاندىكى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە قىلغان ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىكەن. ئۇ راۋالپىندىدىكى 400 بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىن باشلاپ 12 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياكى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولغان پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا «قۇش مۇكاپاتى» بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەزىمجان ئۇيغۇر تىلىدا خېلى راۋان سۆزلىيەلەيدىكەن، ئەمما ئۇ ئۆزىنى «شىنجاڭلىق خىتاي پۇقراسى» دەپ تونۇيدىكەن. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر دىيارىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە كۈز يۇمۇشىدىكى سەۋەب ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىنجاڭدا سىز دەۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق دېگەن مەۋجۇت ئەمەس، مەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلىرىگە رەددىيە بېرىمەن» دېدى.
«خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتچى خادىمى ئەزىمجان ئىلگىرىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانىدى. 2019-يىلى 3-ئايدا پاكىستاندىكى «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا 3-قېتىم تارقىتىلغان جەدۋەل ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ رادىئومىز مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭمۇ بىر بالىسىنىڭ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا دەل مۇشۇ خىل ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاپ قويغانىدى.
پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلىرىدا نۆۋەتتە 600 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، پاكىستانغا يەرلەشكىنىگە 50 يىلدىن ئاشقان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللىقاچان پاكىستان تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ ئوخشىمىغان تاكتىكىلار ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تارقاتقان 3 قېتىملىق جەدۋەلدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى قاتارلىق تولۇق ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغانىدى.
ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دەل مۇشۇ خىلدىكى جەدۋەلدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى كونتروللۇققا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتىكەن.
ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاندا خىتايغا مايىل ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتۇقلىنىپ مۇكاپاتلىنىپ كېلىۋاتقان بولسا، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى بۇ خىل ھېلى-مىكىرلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلار ھەققىدە ئاشكارا خەلقئارا ئاخباراتلارغا سۆزلەپ كېلىۋاتقان ئۆزى ۋە ۋەخپىسى، خىتاي ئەلچىخانىسى ھەمدە «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن پاكىستان دائىرىلىرىگە شىكايەت قىلىنىپ، تەھدىت ۋە تەنبىھلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتىكەن.