پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتىدە ئەكس ئېتىۋاتقان خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياىسي باستۇرۇش ۋە ئېتنىك تازىلاش ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئالىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، قوشنا رايونلاردىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىدە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى يېڭىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى «VICE خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تارقىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىمىدە ئالاھىدە ئەكس ئەتتى.

فىلىمدىكى باش قەھرىمان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پاكىستاندا ياشاۋاتقان مۇھەممەد ئۆمەر خان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نامىدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توسقۇنسىز مېڭىۋاتقان ئىشلىرى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ نورمال چەت ئەلگە چىقىش ئىمكانى بولمىغانلىقتىن ھەر خىل «يوچۇق» لاردىن پايدىلىنىپ پاكىستانغا چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۈركىيە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يولغا سېلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ پائالىيەت دائىرىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشىمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلىشىغا سەۋەب بولغان. فىلىمدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن نىياز غوپۇر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ھازىرغىچە ۋەتەندە قالغان بالا چاقىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئەنە شۇ خىلدىكى ياردەم ئىشلىرىدا بولۇۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى باش ۋەزىپە قىلغان زور تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسىدىن شۇنچە يىراق جايدا بولۇشىغا قارىماي يەنىلا بۇ باستۇرۇشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن خالى بولالمىغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ۋەخپە قارمىقىدىكى مەكتەپتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش تىرىشچانلىقىنى پاكىستان ساقچىلىرى كۆپ قېتىم «تېرورلۇق ئىدىيەسىنى تارقىتىش» دېگەن باھانىدە ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان. ئەمما ئۆمەر خان ئىزچىل «ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بولمىسا مۇھاجىرەتتىكى كىملىكىنى ساقلاپ قالالمايدۇ» دېگەن ئېتىقاد بويىچە بۇ مەكتەپنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرغان. پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ساقچىخانىغا قاماپ قويۇشلىرى ھەمدە «خىتاي سەندىن نارازى بولۇۋاتىدۇ. سېنىڭ پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىنى بۇزۇشىڭغا رۇخسەت يوق» دەپ دۇمبالاشلىرمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى باش ئەگدۈرەلمىگەن. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارا ھالدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ئاللىقاچان ئەينى ۋاقىتتىكى گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغانلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشتى. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ زۇلۇمدىن قېچىپ چىققانلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتىمەن. چۈنكى ھېچقانداق ئېتىقادى يوق خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىمۇ ئۆزلىرىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ،» دەيدۇ.

فىلىمدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆمەر خان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچلىكىگە ئۇچرىشى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ زاپاس يولى بولغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» (CPEC) غا ماشىنىلاپ تۆكۈلۈۋاتقان خىتاي مەبلىغىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى ئىكەن. پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆزلىرىگە خىتاي تەرەپنىڭ بېسىمى بارلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئانچە بەك خەۋىرى يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. پاكىستاندىكى «خىتاي-پاكىستان ئ‍ىنىستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مۇشاھىد ھۆسەيىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ يۇمۇرلۇق ھالدا «بىزنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق. مەۋجۇت بولۇۋاتقىنى پەقەت خىتاي بىلەن دوست تارتىشىش. چۈنكى بىز ‹قەدىناس دوستلۇق› ئالاقىسىدا بولۇۋاتىمىز، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ ئاساسى ‹تاغلاردىنمۇ بۈيۈك، ئوكياندىنمۇ چوڭقۇر، ھەسەلدىنمۇ شېرىن، پولاتتىنمۇ قاتتىق› دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا سىياسىي مۇددىئا ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،» دەيدۇ.

ھالبۇكى، CPEC قۇرۇلۇشى باشلىنىپ بۇنىڭ تۇنجى زەربىسى بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان. ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئاندا-ساندا دۇچار بولىدىغان پاراكەندىچىلىك ئەمدىلىكتە رەسمىي ھالدا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىش، پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئىشەنچلىك» ۋە «گۇمانلىق» دەپ تىزىملىغىنىدەك راۋالپىندىدىكى پاكىستان ساقچىلىرىمۇ بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا جەدۋەل تارقىتىپ ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى ئارخىپ قىلىپ تۇرغۇزغان. بۇنىڭ بىلەن پاكىستاندىكى ئ‍ۇيغۇرلار داۋاملىق بۇ جايدا تۇرۇشتىن ۋايىم يەيدىغان بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېرورچى قىياپىتىدە تەسۋىرلەپ، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىدا ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. مۇخبىرلار شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلاردىن «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى» ھەققىدە سوئال سورىغاندا ئۇيغۇرلار بىردەك بۇنىڭ زىيىنىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

فىلىمدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر ھادىسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنى «پاكىستانغا يۆتكىلىپ ھەركىتىنى داۋام قىلدۇرىۋاتىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئاقلاش بولماقتا ئىكەن. ئەمما تېخى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلار قىسمىغا مەنسۇپ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئوغرىلىقچە ئافغانىستانغا كىرىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقچى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ تېرورلۇق ماھىيىتىنى نامايەن قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما ئافغانىستان ساقچىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى قولغا ئالغانلىقى، كېيىنچە خىتاي-ئافغانىستان تەرەپنىڭ مەخپىي سۆھبەتلىرىدىن كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭ بېيجىڭغا قايتۇرۇلغانلىقى شۇ جايدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ «پاكىستان ساقچىلىرى ئەسەبىيلەرگە ۋە تېرورچىلارغا ياخشى زەربە بېرىۋاتىدۇ. بىز ھازىر بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى قوغداۋاتىمىز،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى» يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك قىسمەن توختاپ قېلىشقا يۈزلەنمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ قەشقەردىن باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولغان گۋادار شەھرى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى مەۋقەدىكى «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» كۈچلىرىنىڭ دائىرىسىدە بولۇپ، ھەرقاچان توقۇنۇش خەۋپىدە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋە مېھمانخانىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىۋاتقان ئىشلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى «كۆڭۈلسىز» ئىشلار پات-پاتلا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، «8-مارت ئاياللار بايرىمى» كۈنى شۇنداق ۋەقەنىڭ بىرى پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرگەن. شۇ كۈنى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى جاڭ خېچىڭ ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر بېتىدە يېرىم-يالىڭاچ خىتاي قىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى تەقلىد قىلىۋاتقان رەسىمىگە يانداشتۇرۇپ «ھىجابىڭنى ئېچىۋەت، كۆزلىرىڭنى مەن كۆرەي. بۇ شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن تېكىستنى چىقىرىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قار-يامغۇردەك تىل-ئاھانىتىگە قالغان. بەزىلەر «مۇشۇنداق كالۋا ئەمەلدارلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلايلى» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازغان.