«7 دۆلەت گۇرۇپپىسى» (G7) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە G7 رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرغانىدى.
G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا «بىز شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى، باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى نىشانلاش ۋە كەڭ كۆلەملىك ‹سىياسىي قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
ئەكسىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان بولسا 14-ئىيۇن، ھىندىستان جۇمھۇرىيەت دۇنياسى خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەندە «بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز شۇنداق، بىز خىتاي بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قانداق مەسىلە ھەمىشە يېپىق شەكىلدە بولىدۇ. چۈنكى خىتاي جەمئىيىتى شۇنداق، بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز. بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز بار، ئۇلار بىزنىڭ قوشنىمىز. ئۇلار بىزگە بىز ئەڭ قىيىن پەيتتە ياخشى مۇئامىلە قىلدى. شۇڭا، بىز يېپىق ئىشىك ئارقىسىدا بۇ توغرىلىق سۆزلىشىش ئەندىشىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن.
2015-يىلدىن باشلاپ، پاكىستان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 62 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) نى قۇردى. بۇ، بېيجىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. شۇنىڭدىن كېيىن، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
مەلۇم بولغاندەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە، بىرقىسىم ئۇيغۇرلار يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىگە قېچىپ چىققانىدى. خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلاپ، لاگېرلارغا قاماپ ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرىنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىلدە، بىرقسىم ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە باغلانغانلىقى، ھەتتا پاكىستانلىققا ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. پاكىستانلىق ئەرلىرىنىڭ يول مېڭىشى نەتىجىسىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى لاگېردىن سالامەت چىقىپ پاكىستانغا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ۋاسىتىلىك تەھدىتلىرى ئاستىدا، سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئاۋازىنى چىقىرالماي سۈكۈتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىممۇ، پاكىستانلىق ئېرىنىڭ ياردىمىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ ئاۋۋال پاكىستانغا كەلگەن، ئەمما ئۇ جايدا داۋاملىق خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك تەھدىتلىرى، پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىمى سەۋەبلىك ئامېرىكاغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئوخشاش تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئاپولو خەۋەر تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەربابىنىڭ خوڭكوڭ «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، يېقىندا 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى پاكىستانغا قانۇنسىز كىرگەن، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ج ك پ نىڭ باستۇرۇشىدىن بولغان. ج ك پ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» غا قامىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پاكىستان كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ يېڭى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشتىكى «غايەت زور بېسىمى» غا قارىتا، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ساقچىلارغا يېقىندا بۇ مۇساپىرلارنى ئوۋلاش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى ھوقۇق بېرىلگەن. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت تەرەپ پاكىستاندا ياشايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاش».
بۇنىڭ ئالدىدا، ۋايىز ئاگېنتلىقىدا 21-ماي خەۋەر قىلىنىشىچە، پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ، نۆۋەتتە پاكىستان دائىرىلىرى پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان بىر جەدۋەلدىن مىسال ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، «دىنىي ئېتىقادى»، «ئائىلە تارىخى» قاتارلىق سوئاللار مەزكۇر جەدۋەلدىن ئورۇن ئالغانىكەن. ئۇ، يىللاردىن بۇيان خىتايدىن قاچقان ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ پاكىستانغا كېلىپ پاناھلىنىشىغا ياردەمدە بولغان.
ئۇ مۇندا دېگەن: «ئەگەر مەن ئۇلارغا ياردەم قىلمىسام، كىم ياردەم قىلىدۇ؟ مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلدىم. خۇدا خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن».
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا پاناھلىنىشقا ياردەم قىلىپ كەلگەن ئۆمەرنىڭ ۋايىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھازىر پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناچارلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا پاكىستان ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، پاكىستاننى ئەمدى بۇ دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر پاناھگاھ، دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، پاكىستان دائىرىلىرى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتايدىن ئالغان 60 مىليارد دوللارلىق قەرز مەبلىغى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن بىرى بولغان نىياز غوپۇر: «پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بۇيرۇغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى› سەۋەبىدىن قاتتىق ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ،» دېگەن.
دەرۋەقە پاكىستاندىن يېقىندا تۈركىيەگە كەلگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 4 بالىلىق بىر ياش ئانا، ئۆزىنىڭ 2018-يىلى ئائىلىسىنى يوقلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە بارغىنىدا، پاكىستانلىق بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى ئاي لاگېرغا سولانغانلىقى، پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن لاگېردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش بەدىلىگە ئۇنىڭ ئېرى بىلەن پاكىستانغا كېتىشىگە يول قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئۇ داۋاملىق خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندە سېلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ پاكىستاندىكى ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىدىن پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ساقلاشتىن نەتىجە چىقمىغان. ئاخىرى بىر قىسىم مۇسۇلمان ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىۋالغان. ھازىر ئۇ تۈركىيەدە ئۆزىنى پاكىستانغا قارىغاندا بىخەتەر ھېس قىلسىمۇ، يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قورقىدىكەن.
ئىسلامئابادتىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پاكىستانلىق بىر سودىگەر بولسا، پاكىستاندا يالغۇز ئۇيغۇرلار ئەمەس ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر بىلەن ئائىلە قۇرغان پاكىستانلىقلارنىڭمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىمنى بايان قىلدى. ئۇ بىگۇناھ ھالدا لاگېرغا قامىلىپ ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا پاكىستان ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پاكىستانلىقلارنىڭ يەنە بارلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭمۇ خىتاي ۋە پاكىستان ئىككىلا دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، خوتەندىكى مەلۇم لاگېرغا قامالغان ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقالمايۋاتقانىكەن. ئەمما ئۇ ئايالى ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى يۈزىسىدىن يەنىلا تەپسىلىي ئەھۋالىنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلاشتىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
پاكىستان ۋە خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولدى.
خىتاي-پاكىستان ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇشاھىد ھۈسەيىنگە ئوخشاش نۇرغۇن پاكىستانلىقلار ئىمران خان بىلەن بىر مەيداندا بولۇپ، CPEC نى پاكىستان ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادىي غەلىبە دەپ قارايدۇ.
ۋايىزنىڭ خەۋىرىدە ھۈسەيىننىڭ خىتاينى ئىشەنچلىك شېرىك دەپ قارايدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ «مەن بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يوق دەيمەن، بىزنىڭ خىتاي بىلەن رومانتىكىلىقىمىز بار! بىز مۇناسىۋىتىمىزنى تاغدىن ئېگىز، دېڭىز-ئوكياندىن چوڭقۇر، ھەسەلدىنمۇ تاتلىق، پولاتتىن كۈچلۈك» دەپ سۆزلىگەنلىرى ئالاھىدە قىستۇرۇلغان.
ئەمما بەزى تەنقىدچىلەر CPEC نى پاكىستانغا خىتايدىن كەلگەن «قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيەسى» دەپ قارايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار «خىتاي پاكىستانغا قەرز بېرىدۇ، ئەمما پاكىستان بۇنى ھەرگىز قايتۇرالمايدۇ» دەپ ھېسابلايدۇ.