پاكىستاندىكى خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يارىتىلغان يېڭى يول: «ئۇيغۇرنى تونۇپ بېرىپ پۇل تېپىش»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.12.24
pakistan-junggoluq-muhajirlar-jemiyiti-uyghur-tonush-1.jpg «گىلگىت-بالتىستان جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» نامىدا چىقىرىلغان، ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى ئەمەسلىكىنى تونۇپ بېرىش ئىسپاتلىرىنىڭ بىرى.
RFA/Shöhret Hoshur

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندا تۇنجى بولۇپ 2008-يىلى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى - «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» قۇرۇلغاندىن كېيىن «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نامىدا بىرقانچە تەشكىلات باش كۆتۈرگەن. ئاساسلىق خىزمىتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى پاكىستانلىقلارغا پەردازلاپ كۆرسىتىش بولغان بۇ تەشكىلاتلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ساخاۋەت ۋە زىياپەتلىرىدىن بەھرىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزگىچە پۇل تېپىش يوللىرىغىمۇ ئېرىشكەن.

پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار نۆۋەتتە پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرۇش بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نامىدىكى تەشكىلاتلار ئۈستىدىن يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن شىكايەتلەرنى يوللىماقتا. بۇ شىكايەتلەردە مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى سانىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋە پاكىستاندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، ئۇلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئەڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان تونۇشتۇرۇش خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر تەشكىلاتلارغا ۋىزاغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ لاياقىتىگە باھا قويۇش ھوقۇقى بەرگەن. «گىلگىت-بالتىستان جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» نامىدا چىقىرىلغان بىر تونۇشتۇرۇش خېتىدە مۇھەممەد ۋەلى خان نامىدىكى ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ساپ پاكىستانلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان پاكىستاندىكى پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۆزلىرىگە خەتەرلىك دەپ قاراۋاتقانلىقى، شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ ۋىزا چەكلىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يەنى ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرەلمەي ۋىزا بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتلارغا ۋىزاغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە لاياقىتىنى باھالاش ھوقۇقى بەرگەن.

يەنە بەزى ئىنكاسلاردا مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ۋىزاغا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن كۆپ مىقداردا پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۆمەر ئۇيغۇر مەزكۇر تونۇشتۇرۇش خېتىدە ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىنى «ساپ پاكىستانلىق» دەپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ «ئۇيغۇر» ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىنىۋاتقانلىقى، يەنى مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرنى تونۇپ بېرىش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئەزىمخان ئۆزى ۋە دادىسىنىڭ بۇ تەشكىلاتتا قۇرۇلغاندىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما ھېچقانداق بىر شەخسىي مەنپەئەت كۆزلىمەيۋاتقانلىقى، پەقەت پاكىستاندىكى نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» رادىيومىزغا تەمىنلىگەن بىر پۇل چېكى (تالونى) كۆپىيىشىدىن «گىلگىت-بالتىستان جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» گە خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن 37 مىڭ دوللار پۇل بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۈگۈن رادىيومىزغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىككى پارچە تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ كوپىيەسىنى تەمىنلىگەن پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر بۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئالغان 3 پاكىستانلىقنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتكە مىڭ دوللاردىن جەمئىي 3 مىڭ دوللار پۇل تاپشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇ جەمئىيەتنىڭ ھەر ئايدا مۇشۇ خىل ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ «ئۇيغۇر» ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىش يولى بىلەن ئېيىغا 20-30 مىڭ دوللار پۇل تېپىۋاتقانلىق پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پاكىستاندىكى باشقا مۇھاجىر ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى پەرەزنىڭ توغرىلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پەرەزنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. گىلگىتتىكى پائالىيەتچى ئابدۇلمەجىد مەزكۇر تەشكىلاتلار ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلىرى كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇيغۇر رايوندىكى پاجىئەلىك ۋەزىيەتنى پاكىستانلىقلارغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن «گۈل-گۈلىستانلىق» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.